تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو​−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ ھاۋارايى ئەسكەرتمىسىنى تاپشۇرۇۋېلىڭ

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو​−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزگىلدە (6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە)، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ بۇلۇتلىنىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن، ھاۋارايى شارائىتى كۆرگەزمىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق بولىدىكەن.

    كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 25 سېلسىيە گىرادۇستىن 27 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 36 سېلسىيە گىرادۇستىن 38 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ھاۋا ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولغاچقا، ئوت كېتىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، سودىگەرلەر ۋە ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ كالتە يەڭ مايكا ياكى قىسقا يەڭلىك كۆڭلەك كىيىشىنى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

    كۆرگەزمە مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋرايى كۆرۈلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭ ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ.

    ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزدىن 26-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، ئالتاي تېغىنىڭ تاغلىق رايونى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تارقاق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي، شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلار ۋە شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى سەككىز بالدىن توققۇز بالغىچە بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا بەش-ئالتە بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

    6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تارقاق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلار ۋە شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى سەككىز-توققۇز بال بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

    شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 15تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتقان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.

    ئۇنىڭدىن باشقا، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە، ئىلى دەريا ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل- يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا قار ئېرىپ كەلكۈن كېلىش ۋە ئارىلاشما كەلكۈن كېلىشتىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە قىسمەن جايلاردا كەلكۈن كېلىش ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش، لاي لاتقا ئېقىنى قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.