تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بۇ ئىچىملىك قەۋزىيەتكىمۇ پايدىلىقمۇ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گازلىق سۇ بارغانسېرى ئالقىشلىنىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.
    گازلىق سۇ تەم جەھەتتە كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسسىقلىق مىقدارى جەھەتتە ئورۇن ئالالىسىمۇ، قىلچە ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا ئىچىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش ئۇسلۇبى جەھەتتىمۇ «يېنىك مودا»، «سۈپەتلىك» ساغلام بولغان قەنت مىقدارىنى ئازايتىشنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولالايدۇ.

    ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودىگەرلەر ھەر خىل تەملىك گازلىق سۇلارنى بازارغا سالغاچقا، گازلىق سۇنىڭ تەمىگە ئەسلىدىلا كۆنەلمىگەن كىشىلەرمۇ رەت قىلالماي، بۇ يىل يازدىكى ئەڭ مودا مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

گازلىق سۇ قورساق تويغاندەك تۇيغۇنى كۈچەيتەمدۇ؟

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن ئالاقىدار تەتقىقاتلار قانات يايدۇرۇلدى.
   19 نەپەر ساغلام ياش ئايالغا قارىتىلغان
بىر تۈرلۈك سېلىشتۇرما تەجرىبىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، گازلىق سۇ ئىچكەن ئاياللارنىڭ ھەقىقەتەن قورسىقى تويغانلىق تۇيغۇسى ئاشقان.
   يەنە بىر تۈرلۈك ھايۋانات تەجرىبىسى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، گازلىق سۇ ئىچكەن ئەركەك چاشقاننىڭ تېنىدىكى ئاچلىق ھورمۇنى ئۆرلەپ، تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك يەۋالغان. كېيىن ئەنگلىيە بىرمىڭخام ئاستون داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك كىچىك تىپتىكى ئادەم بەدىنى تەجرىبىسىدىمۇ گازلىق ئىچىملىك ئىچكەن ئادەم گازسىز ئىچىملىك ئىچكەن ئادەمگە قارىغاندا 120 كالورىيە ئىسسىقلىقنى كۆپ قوبۇل قىلىدىغانلىقى، بەدەندىكى ئاچلىق ھورمۇنى قويۇقلۇقىنىڭمۇ باشقا گۇرۇپپىلارنىڭكىدىن %50 يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان.
    بۇ تەتقىقاتلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ: «بۇ تەتقىقاتلاردىكى تەجرىبە ئەۋرىشكىسىنىڭ مىقدارى بەك ئاز، خۇلاسىدىن پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ئەگەر بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كەلسە، يەنە چوڭ تىپتىكى ئادەم بەدىنى تەجرىبىسى ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىلىنىكىلىق دەلىللەش ئېلىپ بېرىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

    بىراق ياپونىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات تەجرىبىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 250 مىللىلېتىر گازلىق سۇ ئىچكەندە 900 مىللىلېتىر گاز قويۇپ بېرىلىدىكەن، گازلىق سۇ ھەقىقەتەن «قورساق تويۇش تۇيغۇسى»نى كۈچەيتىدىكەن، لېكىن سىز ئويلىغاندەك بولمايدىكەن.

    گازلىق سۇ تەركىبىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد گازى مول بولۇپ، ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن تويۇش سېزىمى پەيدا قىلىپ، چوڭ مېڭىگە ئاسانلا  «تويدى» دېگەن ساختا سىگنالنى يەتكۈزىدۇ. لېكىن بۇ خىل تويۇش تۇيغۇسى ئىنتايىن قىسقا ھەم ھەقىقىي ئەمەس بولۇپ، «كولانى ئىچىپ بولغاندىن كېيىنكى «گاز قايتىش» تۇيغۇسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ «گاز» يوقىغان ھامان، ئاچلىق يەنىلا پەيدا بولىدۇ.

   ئورۇقلاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئەگەر تاماق ۋاقتىدا گازلىق سۇ ئىچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تاماق ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىنىشنى ئازايتماقچى بولسا، ئىش ئەكسىچە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، گازلىق سۇ بەدەنگە كىرىپ «گاز»نى يوقاتقاندىن كېيىن، سىزنى غىدىقلاپ كۆپ يېيىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
   تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماق ئارىلىقىدا گازلىق سۇ ئىچىپ «چوڭ مېڭىنى ئالداپ» ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى ئازايتقاندىن كۆرە، تاماقتىن كېيىن ئىچكەن ياخشىراق، بۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ تويۇش تۇيغۇسىنى ئۇزارتىپ ئويلىغان ئۈنۈمگە يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن.

گازلىق سۇ قەۋزىيەتنى ياخشىلامدۇ؟

    ياخشىلايدۇ، لېكىن شارائىت چەكلىمىسى بار.
   بىر تۈرلۈك ھەزىم قىلىش سوزۇلما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 21 نەپەر كىشىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، 15 كۈنلۈك سېلىشتۇرما تەجرىبىدىن كېيىن، گازلىق سۇ ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەۋزىيەت ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، گازلىق سۇدىكى كاربونات ئاشقازان دىۋارى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەت ئالامەتلىرىنى پەسەيتىش رولىنى ئوينىغان.

     

    ئەمما، ئوخشاشلا كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، گازلىق سۇدىكى «گاز» گەرچە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى قوزغىتىپ، قەۋزىيەتنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتسىمۇ، لېكىن قورساق كۆپۈش سەۋەبىدىن تاماق مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۈچەيدە يېتەرلىك يېمەكلىك قالدۇقى بولمىسا، گاز ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلەتكەن تەقدىردىمۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرغىلى بولمايدۇ.

    بولۇپمۇ، ئەسلىدىلا ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز كىشىلەر دائىم گازلىق سۇ ئىچسە ئاشقازان-ئۈچەي ئاسانلا كۆپۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئاز ئىچىش كېرەك.

گازلىق سۇ چىش ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزەمدۇ؟

    كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى فوسفات كىسلاتاسى بىلەن لىمون كىسلاتاسى ھەقىقەتەن چىشنىڭ ئېمال ماددىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەمما گازلىق سۇغا فوسفات كىسلاتاسى قوشۇلمايدۇ. گازلىق سۇ تەركىبىدە كاربون تۆت ئوكسىد گازىدىن باشقا، يەنە كالىي، ناترىي، كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق تەبىئىي مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، مىنېرال ماددىلار مول مىنېرال سۇ دېيىشكە بولىدۇ.
    ئادەتتە چىش ئېمال ماددىسى pH قىممىتى 5.5 دىن تۆۋەن مۇھىتتا ئېرىشكە باشلايدۇ. گازلىق سۇنىڭ pH قىممىتى تەخمىنەن 5~6 ئەتراپىدا بولۇپ، ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، چىش ئېمال ماددىسىنى چىرىتىدىغان دەرىجىدە تۆۋەن ئەمەس، ئۇنىڭ چىشقا بولغان چىرىتىش رولى كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئاران %1 ىگە توغرا كېلىدۇ.
    پەقەت لىمون كىسلاتاسى ۋە شېكەر قوشمىسىلا،  گازلىق سۇنىڭ چىشقا بولغان تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ، چىش ساغلاملىقىغا ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىدىغىنى كولا، شۆبى قاتارلىق تەركىبىدە شېكەر ۋە فوسفات كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى بار بولغان كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر.
    ئەگەر پەقەت خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، نەيچە بىلەن گازلىق سۇ ئىچسىڭىز ياكى گازلىق سۇ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئېغىزىڭىزنى چايقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

گازلىق سۇ سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

    بۇنىڭدىن باشقا، گەرچە بەزى تەتقىقاتلاردا كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش سۆڭەكتىكى مىنېرال ماددا زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلىنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ھازىر كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر ئىچىدە، پەقەت كولالا سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن (كوففېئىن ۋە فوسفات كىسلاتاسىنىڭ رولىدىن بولغان)، لېكىن گازلىق سۇدا ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋال يوق ئىكەن.

«جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.