بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىگە داۋاملىق تۈرتكە بولدى. مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق 18 تارماق سىياسەت بىرىكمە بولىقىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن. ھەرقايسى جايلارمۇ ئارقا- ئارقىدىن تەپسىلىي قائىدە- تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان. سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، نۇقتىلىق پارچە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 5- ئايدا مەملىكەت بويىچە يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارى 1 مىليون 685 مىڭ دانىگە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %10 ئاشقان.
چۇڭچىڭ شەھەرلىك يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى بىر ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىدا جۇ خانىم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، ئۇ ماس قەدەمدە يان تېلېفون كىچىك پىروگراممىسىدا كونا ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش رەسمىيىتى، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ماتېرىيالى ۋە بانكا كارتىسى ئۇچۇرىنى تاپشۇردى. جۇ خانىم بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 10 مىڭ يۈەن كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
شەھەر ئاھالىسى جۇ خانىم: بۇ قېتىمقى ياردەم تولۇقلىمىسى ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپتۇ، مەن جەمئىي 14 مىڭ يۈەن ئالدىم، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تەننەرخىم تۆۋەنلىدى.
يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى 6 مىليارد 440 مىليون يۈەن 2024- يىللىق مالىيە ئۆسۈم ياردىمى ۋە مۇكاپات- تولۇقلىما مەبلىغى ئاجرىتىپ، بۇ يىللىق كونا ئاپتوموبىلنى يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇش مەركىزى مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئالدىن ئاجرىتىشقا ئىشلەتتى. ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئىستېمالچىلارغا «ھەقىقىي نەپ» ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، نۇرغۇن ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىسى يەنە سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش- كەچۈرۈم قىلىش، سۇغۇرتا ھەققى ئېتىبارى، ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېتىبارلارنى قوشۇپ، پايدا ئۆتۈنۈپ بەردى. مۇخبىر نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەردىكى ئاپتوموبىل سېتىش دۇكانلىرىنى زىيارەت قىلدى، يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغان بىر ئايدا، نۇرغۇن دۇكاننىڭ سېتىش مىقدارى ئاشقان.
ئاپتوموبىل سېتىش مەسلىھەتچىسى شېڭ جىيۇڭ: كونا ئاپتوموبىللارغا بىزنىڭ باھالىغۇچىمىز ئاپتوموبىل ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق باھا بېرىدۇ، پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان، بىزنىڭ سېتىش مىقدارىمىز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى.
مەلۇم ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ مەخسۇس خادىمى سۈن يۆ: بىزنىڭ ھەر كۈنى ئاپتوموبىل كۆرىدىغان خېرىدارىمىز 200 ئەتراپىدا بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 10 ئاپتوموبىل ساتىمىز.
نۆۋەتتە، سودا مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كونا ئاپتوموبىلنى يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇش ئۇچۇر مۇلازىمىتى سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى. ئىستېمالچىلار ۋېيشىن، جىفۇباۋ، دوۋيىن، يۈنشەنفۇ كىچىك پىروگراممىسىدا «كونا ئاپتوموبىلنى يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇش»نى ئىزدەپ تېپىپ، ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال ئېھتىياجى تېز قويۇپ بېرىلدى
ئاپتوموبىل ساھەسىدىن باشقا، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشمۇ ھەرقايسى جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. مۇخبىرنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە خۇبېي، سىچۇەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغاندا ئىگىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىسى، سېتىش سۇپىسى قاتارلىقلار كۆپ خىل شەكىلدىكى كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى يولغا قويغان.
ياز كىرگەندىن بۇيان، سالقىندىتىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياج ئۈزلۈكسىز ئاشتى. خۇبېينىڭ ۋۇخەندىكى بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانىدا كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. يېقىندا ۋۇخەن شەھىرى ئىككى نۆۋەت يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي سەرەمجانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېلىتى تارقاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سودىگەرلەر «18- ئىيۇن»لۇق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئىستېمالچىلار نەچچە يۈز يۈەن، ھەتتا نەچچە مىڭ يۈەن ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ.
مەلۇم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش دۇكىنى تىجارەت مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ خەيبى: پۈتكۈل سېتىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ نىسبىتى %85كە يەتتى.
ئىستېمالچىلارنى «خۇشاللىق بىلەن ئالماشتۇرۇش»، «قولاي ھالدا ئالماشتۇرۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن جاي كونىنى تېخىمۇ ئاسان ئالماشتۇرالايدىغان، يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇشتىن تېخىمۇ رازى بولىدىغان ئىستېمال مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى. مەسىلەن، سىچۇەننىڭ ميەنياڭ «ميەنيى تولۇقلىمىسى» (绵易补) ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئاچتى، ئىستېمالچىلار توردا ماتېرىيال يوللىسا، ياردەم تولۇقلىمىسى ئالالايدۇ.
شەندۇڭنىڭ لياۋچېڭ «نەپ يەتكۈزۈش ئايلانمىسى» (惠循环) كىچىك پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئىستېمالچىلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ماركىسى، تىپى، ئىشلىتىش مۇددىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزسىلا، سىستېما ئاپتوماتىك باھا مەلۇم قىلىدۇ. كونىسىنى يىغىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، بىر پارچە «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بېلىتى» ئاپتوماتىك ھالدا ئىستېمالچىلارنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، يېڭىسىنى سېتىۋالغاندا، مال پۇلىدىن بىۋاسىتە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.
لياۋچېڭ شەھىرى ئاھالىسى سۈن خانىم: كونا ئېلېكتىر سايمىنىنى باھاغا سۇندۇرغاندا 118 يۈەن بولدى، ھۆكۈمەت 500 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى، ماركا يەنە 200 يۈەن تولۇقلىما بەردى، بۇ ھەقىقەتەن مۇۋاپىق بولدى.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 5- ئايغىچە ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.8 ئاشقان، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلگەن.
ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتى
ياشانغانلارغا ماسلاشتۇرۇش يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى
ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا «يېڭىلاش»مۇ بۇ يىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر تەرەپ. ھازىر نۇرغۇن سودىگەر ئىستېمالچىلارنى خاسلىققا ئىگە ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ياشانغانلارغا ماسلاشقان مەھسۇلاتلارنى يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق كېڭەيتتى.
بۇ بىر نەچچە كۈندە شېنجېنلىق لىن ئەپەندى ئۆيىدىكى كونا ئاشخانىنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى، ئۇ سودا سارايدا ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش كەسپى بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن مەسلىھەت سورىغىلى كەلدى.
شېنجېن شەھىرى ئاھالىسى لىن ئەپەندى: ئايالىم بۇنىڭدىن كېيىن بالىلارغا تاتلىق- تۈرۈم پىشۇرۇپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، دۇخوپكا قويىدىغان بوشلۇق چىقارماقچى، سۇ كۆلچىكىنىڭ ئاستىدىكى تۇرۇبا يوللىرى كونىراپ كەتكەن، شۇڭا بۇ يەرگە كېلىپ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى.
لىن ئەپەندىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سودىگەر ئۇنى بىرگە بىر خاسلىققا ئىگە زاكاز لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، قۇراشتۇرۇش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى كۈنلا بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىدى ھەم كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
سودا دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى لىن خەيلياڭ: بىزنىڭ لايىھەلىشىمىز، جۈملىدىن قۇراشتۇرۇشىمىزمۇ ھەقسىز، ئۈنۈم رەسىمى ئىشلەشمۇ ھەقسىز. كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشتا گاز ئوچاققا 200 يۈەنلىك ئالماشتۇرۇش ئۆلچىمى، دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپى، بۇستارتقۇغا 500 يۈەنلىك ئالماشتۇرۇش ئۆلچىمىنى يولغا قويدۇق.
مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىدا بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلانغانلىقىنى بايقىدى. گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەندە، شەھەر ئاھالىسى ليۇ چيۇ ئىشلىتىۋاتقىنىغا ئون يىل بولغان ئاشخانا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى بىراقلا ئالماشتۇرۇپ، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشخانا»دىن بەھرىمەن بولماقچى بولدى. سودىگەر ئۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش ئېتىبار بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈپ بەردى، ھېسابات قىلغاندىن كېيىن 800 نەچچە يۈەن تېجەپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆيگە بېرىپ ھەقسىز چۇۋۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
فوشەن شەھىرى ئاھالىسى ليۇ چيۇ: ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەھسۇلاتلار بەك كۆپ، ئەڭ مۇھىمى باھاسىمۇ ناھايىتى ئەرزان.
ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانىنى «يېڭىلاش» ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ئولتۇراقلىشىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. نۇرغۇن جاينىڭ سىياسىتىدە ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ساغلاملىقنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىپ، بېزەش قاتارلىق ساھەلەردىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۆينى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش كەسپىنى كېڭەيتىشىنى قوللاپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل، قولايلىق قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى