تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئۈستىقۇددۇس گۈللىرى ئېچىلغان قورغاس رومانتىك مەزگىلگە كىردى

    مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۈستىقۇددۇس گۈلىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، قورغاس ناھىيەسى ئەڭ رومانتىك مەزگىلگە قەدەم قويدى. 6- ئاينىڭ 16-كۈنى، قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى 12 مىڭ مو يەردىكى ئۈستىقۇددۇس گۈللىرى ئۆزگىچە خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى. تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس گۈل-چېچەكلەر ۋە يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرى ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىر پارچە گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. بۇ كەنت «شېئىرىي تۈسكە ئىگە سەھرا مەنزىرىسى»نى باش تېما قىلىپ، خاس پۇقراۋى قونالغۇ، يېمەك-ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن سەيلە-ساياھەت تۈرىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، ئۈستىقۇددۇس تېرىقچىلىق بازىسىغا تايىنىپ، ئۈستىقۇددۇس پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى

ساياھەتچىلەر ئۈستىقۇددۇس گۈلى دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلماقتا.

ساياھەتچىلەر گۈل دېڭىزىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.