تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داغدام يولدا ماڭدى، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى

8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى سودىگەرلەر كۆرگەزمە ئورۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، گۈزەل مەنزىرە تېخىمۇ قويۇق تۈس ئالدى. پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزەرى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا مەركەزلەشتى.

6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالدىنقى يەتتە نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى توپلاپ، پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى، كونا دوستلار بۇ «يىپەك يولىدىكى ئۇچرىشىش»قا ئورتاق قاتنىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچكە تولغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون.

يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم يول، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كاتتا مەرىكىدە ئۇچرىشىش، ئاسىيا - ياۋروپا ئومۇمىي خور ئېيتىش

«50 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ، 27 دۆلەت ۋە رايون ھەم خەلقئارا تەشكىلات دۆلەت (رايون) سارىيى تەسىس قىلىپ، خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ.» 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ ديەنشۈن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنى يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلىپ، كاتتا مەرىكىگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاشنى ئۈمىد قىلدى.

دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولمايۋاتقان ئەھۋالغا يۈزلىنىپ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالاقىلىشىدىغان، ئالماشتۇرىدىغان، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ سۇپا ھازىرلاپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەمكارلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئورتاق بەھرىلىنىش بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

2011 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى يەتتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن جەمئىي 40 نەچچە كىشى ھەمدە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك 1100دىن ئارتۇق مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمان كۆرگەزمىگە قاتناشتى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان جەمئىي 12 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا بەش قىتئەدىكى 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن بولۇپ، كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر جەمئىي 2 مىليون 160 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تەسىر كۈچى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈركۈم ھەمكارلىق نەتىجىلىرى شەكىللىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» يەنە كېڭىيىپ، بۇ ئېچىۋېتىلگەن سۇپىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى.

«كۆرگەزمىگە ئۇدا قاتنىشىۋاتقان كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز كۆرگەزمىنىڭ نامايان قىلىش ئۈنۈمى ۋە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق» دېدى جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ. كۆرگەزمە بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىشنى تىيانشاننىڭ ئېتىكىدىن باشلىغان جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تەرەققىي قىلىپ جۇڭگونىڭ شامال ئېلېكتىر ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، يەرشارىۋى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشتى.

«ھازىر پۈتۈن يەرشارى قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سودا ئوبوروتى، تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىقلار زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولىدۇ.» شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور چەي لى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا كەسىپنى كېڭەيتىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش

قەدىمىي يىپەك يولى بۈگۈنكى كۈندە ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان راۋان، چوڭ يولغا ئايلاندى، قىسمەن غەرب دۆلەتلىرى «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» توغرىسىدا جار سېلىپ، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش» بىلەن شۇغۇللىنىپ، تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش داغدام يولىدا مېڭىۋاتقان مەزمۇت قەدىمى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى سۇپىسىنىڭ رولى گەۋدىلەندى، پاراللېل مۇنبەر رايون ئىقتىسادىدا چوڭقۇرلاپ ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولدى، سودا ھەم سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى.

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ دۆلەت دىپلوماتىيە چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇپىلىق رولىنى نامايان قىلدى.

...

توغرا يولدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ، دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا يەرشارىۋى كارخانىلارنىڭ جۇڭگودا يېڭى بازار ئېچىشى، يېڭى ئوبراز يارىتىشىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلانماقتا.

2017 - يىلى، قازاقىستاندىن كەلگەن قانات بېكتېمبايېف شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن، ئادىمىيەت، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۈرۈمچىدە شېرىك كارخانا − شىنجاڭ ئوگفورد ئىمپورت - ئېكسپورت سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. «تۆت نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشتۇق، ئىلگىرىكى كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت تاپتۇق، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۇق».

جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭ مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى ۋە مەخسۇس تېما پائالىيىتىدىن 60 نەچچە مەيدان ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ئۇچرىشىش، ئىقتىساد - سودا ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىش - ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلار، سودىگەرلەرنى «سىرتقا چىقىش»قا پائال تەشكىللەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى كارخانىلار ۋە سودىگەرلەرنى «كېلىش»كە كەڭ دائىرىدە تەكلىپ قىلىپ، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا قويۇقلاشتۇردى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىر مەيدان سودا كاتتا مەرىكىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، يەرشارىۋى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم پۇرسەت. بۇ سۇپا ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مائارىپ، پەن - تېخنىكا، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتىدۇ؛ 250 نەچچە تۈرلۈك خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرى تەشكىللەپ يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئون نەچچە خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسى قۇرۇلدى؛ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ داڭلىق ماركا تۈرى بولۇپ قالدى...

بىپايان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىش، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ جۇشقۇن كۈچى مۇجەسسەملەندى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىۋاتقان يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە كونا دۇكانلاردىن باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەرگىچە، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغىچە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتتى.

ماگنىت كۈچىنى قويۇپ بېرىش، چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىش

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن بۇيان، كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇرغۇن كارخانا جۇڭگو شىنجاڭدا يېڭى دۇكان، يېڭى زاۋۇت، يېڭى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى تەسىس قىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە يەنە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 1900دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپارات جەم بولىدۇ، جەمئىي 50 نەچچە مەيدان خاسلىقى گەۋدىلىك، ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«كۆرگەزمىگە قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ، قاتلىمى يۇقىرى، سودىگەرلەرنىڭ سانى كۆپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى كۆپ، چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شيۇڭ جېجيا بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ.

كاتتا مەرىكە خۇددى ئەينەككە ئوخشاش جۇڭگو بازىرىنىڭ كۆلىمى، ھاياتىي كۈچى، پۇرسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. كاتتا مەرىكە خۇددى كۆۋرۈككە ئوخشاش جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇش، يۇغۇرۇلۇش، تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كۆرگەزمە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىش، كەلگۈسىدۇر.» قازاقىستاندىكى بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى مارىنا فېدىسوۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىش بازىرى، كۆرگەزمە كارخانىمىزغا ئىستېمالچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا كۆرگەزمىدە تونۇشقان ھەمكارلىق ھەمراھلىرى ئارقىلىق كارخانىمىز جۇڭگو بازىرىنى يەنىمۇ ئاچتى.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جۇڭگو بازىرىنىڭ غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كارخانىنىڭ كۆرگەزمىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 912 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %6.8 ئاشتى؛ ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي قىممىتى 357 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %45.9 ئاشتى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 441 مىليارد 321 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 137 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى.

كىچىك ھالەتتىن ئومۇمىيەتنى بىلگىلى بولىدۇ، بىر نۇقتىنى كۆزىتىپ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىلگىلى بولىدۇ. شىنجاڭ قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو چوڭ بازىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ.

كۆپچىلىككە ياخشى بولسا ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ.

كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋە كارخانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇھىم رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى تەسىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟

شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭ كۆرگەزمىدە ساھىبخانىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ساھىبخانا بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىكنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە يۇقىرى ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاندى، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش» سالمىقى مىسلىسىز بولدى... يېقىنقى كالېندارنى ۋاراقلىغاندا، كىشىلەر شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش جەھەتتە توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ.

تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەش، دەۋرنىڭ تەرەققىيات دولقۇنىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىش. تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە تولغان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بىز بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى كۈتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.