تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى​

دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۈنۈمنى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى سانائەت، بىناكارلىق ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، مائارىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىلارنى مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىلگەن، قالاق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سەرپىياتلىق، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان ۋە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ئۈسكۈنىلەرنى ئالدىن براك قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، يۇندى بىرتەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، تۇرالغۇ لىفىتى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى سەرپىياتلىق، ئېغىر بۇلغايدىغان، بىخەتەرلىك ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى براك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەلىك، پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپلىرىنى ئورنىغا دەسسىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرىنى كۈچەيتىپ ۋە زورايتىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرىنى، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، كېسەلخانىلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەدەنىيەت سارىيى، ساياھەت ئويۇنى قويۇش ئورنى، مۇزېي، شادلىق باغچىسىنىڭ تىجارەت ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى چىڭىتىپ، پائالىيەتچانلىقنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەم «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەم مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن كۆمۈر كان ھەم كۆمۈر كاندىن باشقا كانلارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش، توكلۇق ۋېلىسىپىت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئېنىقلاپ، سىياسەت بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنى «يېڭىلاش»نى خالايدىغان، ئىستېمالچىلارنى «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»نى خالايدىغان قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەم بويىچە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت تەشۋىقاتىنى ياخشى قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق، پائالىيەتچانلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يۈسۈپجان مەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى، سۈن خۇڭمېي، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، باتۇ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.