تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى| چىڭگىل ناھىيەسى داچىڭخې دەريا جىلغىسى ئورمانلىقىدا، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

    6-ئايدىكى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە، داچىڭخې دەرياسى خۇددى يېشىل رەڭلىك لېنتىغا ئوخشاش ياپيېشىل دالا ۋە ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. يازنىڭ قۇياش نۇرى دەريا يۈزىگە چۈشۈپ، خۇددى سانسىزلىغان چاقناپ تۇرغان ياقۇتلار ئېقىۋاتقان سۇ يۈزىدە نەقىشلەنگەندەك يالتىرايدۇ. دەريا جىلغىسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ياپيېشىل تاغلار، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، دەريا سۈيى ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ تۇرىدۇ، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ئورمانلىقتىكى قۇشلارنىڭ سايرىشى گىرەلىشىپ، گۈزەل تەبىئەت سىمفونىيەسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ياپيېشىل دالىدا ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، ياۋا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار سېرىق، سۆسۈن، رەڭگارەڭ بولۇپ، خۇددى تەبىئەتنىڭ رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشايدۇ. مەيىن شامال چىققاندا، خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلۇپ، كىشى كۆڭلىنى مەسخۇش قىلىدۇ.

(چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى ساۋ فېڭشيا، ئېرجان ئىباي، ئايتىبېك قاناتبېك)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.