تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ丨نىيە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى: يېشىل ئۆت-چۆپ ۋە زۇمرەتتەك سۇ ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى

   6-ئايدا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسى نىيە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن، دەريا-ئېقىنلار سۈپسۈزۈك بولۇپ، بىر پارچە يېشىللىق جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى ياز كۈنلىرى ئاستا-ئاستا يېيىلدى.

   نىيە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 1 مىليون مو كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىيە ناھىيەسى سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش قاتارلىق كۈچلۈك تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، سۇلۇق يەرنىڭ يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈردى. ھازىر سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى، سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، قوغداش رايونى تەبىئىي ھالەتنى ساقلىدى. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئاساسەن ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى، تۈرى ۋە تۈر توپىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

(ئاپتور: ماھىرجان مەمەتئابدۇللا  ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: نىيە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.