تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قاچىلارنى ھەر كۈنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇش سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ھەقىقىي ئەھۋال: بۇ پىتنە- ئىغۋا. يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لاياقەتلىك يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىر قەدەر بىخەتەر، ھەتتا بەزى مەھسۇلاتلار يېمەكلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن. 

    يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق رولى قاچا- قۇچىلاردىكى ماينى چىقىرىۋېتىش، شۇڭا ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرۇش دورىسى ۋە پۇراقلىق ماددىدىن ئىبارەت. سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرۇش دورىسى ماي داغلىرىنى ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ، پۇراقلىق ماددا پۇراقنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئىلگىرى سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرۇش دورىسىدىن ياسالغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى باكتېرىيە ئۆلتۈرەلمەيتتى، شۇڭا قانۇن- نىزام مۇكەممەل بولمىغان يىللاردا، بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك، لاياقەتسىز يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىغا فورمالدېگىد ئىشلىتىلىپ چىرىشنىڭ ئالدى ئېلىناتتى، لېكىن تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى يېڭى تىپتىكى سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرۇش دورىلىرى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى، شۇڭا فورمالدېگىد قوشۇش ئارقىلىق چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.

    كۆپچىلىك ئەندىشە قىلىۋاتقان «يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قالدۇقى»، ئەمەلىيەتتە، كۆپىنچە پۇراقلىق ماددا پۇرىقى بولۇپ، خىمىيەلىك قالدۇق ماددا ئەمەس، قاچا- قۇچىلارنى ئېقىۋاتقان سۇدا كۆپرەك يۇيۇۋەتكەندە، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ناچار تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.