تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قىياندىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى! شىنجاڭدىكى كۆپ جايلار مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك

    شىنجاڭ سۇ ئىشلىرى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 18دە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىرلىكتە قىيان ئاپىتى ھاۋارايى خەۋپ-خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقارغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 20دىن 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 20گىچە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى رايونلار قاتارلىق نۇرغۇن جايدا قىيان ئاپىتى يۈزبېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

   ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار، يەكەن ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى رايونلار، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا قىيان ئاپىتى يۈزبېرىشى مۇمكىن ئىكەن (IV دەرىجىلىك، كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى).

    مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭ ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، ئوت خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايى دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك؛ كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قار ئېرىپ كەلكۈن كېلىش ۋە ئارىلاشما كەلكۈن كېلىشتىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە قىسمەن جايلاردا قىيان كېلىش ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

    قىيانغا يولۇققاندا قانداق قىلغاندا خەتەردىن ساقلىنىپ ئۆزىنى قۇتقۇزغىلى بولىدۇ؟ بۇ ساۋات كارتىسىنى ياخشى ساقلاڭ

    قىياندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى زۆرۈر ساۋات كارتىسى

    قىيانغا يولۇققاندا

    1. سۇ ئورنى ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، يۆتكىلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئالدىن لايىھەلەنگەن لىنىيە بويىچە تەشكىللىك ھالدا تاغ يانباغرى، ئېگىزلىك قاتارلىق جايلارغا يۆتكىلىش كېرەك.

    2. قىيان يولىنى بويلاپ قاچماسلىق، بەلكى ئىككى يان تەرەپكە قاراپ يۆتكىلىپ تېز سۈرئەتتە ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش كېرەك.

    3. قېچىپ قۇتۇلۇش ۋاقتىنى قەدىرلەش، ئۆي چارۋىلىرى، قىممەتلىك بۇيۇم قاتارلىقلارنى يۆتكەيمەن دەپ قىياندىن قېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.

    4. ئەگەر قاپسىلىپ قالغاندا، ۋاقتىدا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئورنىنى دوكلات قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

 جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.