تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر | «كۈسەن ئەركىسى» كۆرگەزمىدە نامايان بولىدۇ

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، «كۈسەن ئەركىسى» ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە نامايان بولىدىكەن.

سۈرەتتە «كۈسەن ئەركىسى»نىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى.

جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

    «كۈسەن ئەركىسى» گۇاڭدۇڭ خۇاخاۋ مەدەنىيەت پەن-تېخنىكا گۇرۇھى ياسىغان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈسەن مەدەنىيىتى رەقەملىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى IP سى بولۇپ، بۇنى ياساپ چىقىشتا قىزىل مىڭئۆي تاش غارىدىن ئىلھام ئېلىنغان. خۇاخاۋ مەدەنىيەت پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش نازارەتچىسى لى لىتىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «كۈسەن ئەركىسى»دە كۈسەن مىڭئۆي تاش غار تام رەسىملىرىدىكى ئوبراز، رەڭ ۋە ئەگرى تەخسە تۆمۈر سىم بىلەن سىزىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ئورتاقلىق ئېلىنغان. لايىھەلىگۈچىلەر يەنە «كۈسەن ئەركىسى» IP ئوبرازىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يادرولۇق ھېكايىسى قىلدى.

    بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، كۈسەن مەدەنىيىتى . يىپەك يولى گۆھىرى باش تېما كۆرگەزمىسى گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى كۆرگەزمە سارىيىدا نامايان قىلىنىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپكە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇنۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ تاشقى ئالاقە ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى نەتىجىلەر مۇستەھكەملىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

سۈرەتتە كۈسەن مەدەنىيىتى . يىپەك يولى گۆھىرى باش تېما كۆرگەزمىسى لايىھە مودېلى.

جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

    باش تېما كۆرگەزمىسىنىڭ لايىھەسىدە «كۈسەن مىڭئۆي تاش غار بوشلۇقىنى قايتا ئويۇش»، «مىڭئۆي تاش غار تام رەسىملىرىنىڭ رەڭگىنى تاۋلاش»، «رەقەم + كۆرگەزمىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنغان. كۆرگەزمە رايونىدا زامانىۋى بوشلۇق ئېستېتىكىسى بىلەن شەرق مىنزىرىسى يۇغۇرۇلغان، كۈسەن مىڭئۆي تاش غار تام رەسىملىرى ھەمدە رەقەملىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمە رايونىنىڭ يادرولۇق ئورنىدىكى «رەقەملىك ھەمتۈرتكە ئېكرانى»دا كۆرگەزمىنى كۆرىدىغان خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ھەمتۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى كۈسەن مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ۋە ئوبرازلىق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «1:1» بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئالتە «كۈسەن ئەركىسى» ھەيكىلى يەنە ئىنتايىن ئوماق داكا قىلىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، قەدىمكى ھىندىستان، قەدىمكى يۇنان-رىم، پارس، خەن، تاڭ قاتارلىق تۆت چوڭ قەدىمكى مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان كۈسەن مەدەنىيىتى نەق مەيداندا قەلبنى ئىللىتىدىغان گۈزەل گۈللەرنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.