تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى  دوستلۇق مېھرىنى ئىزھار قىلدى، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلاشتى، كەلگۈسىنى پىلانلىدى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    تىيانشان تورى\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

   قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تۇغقانلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇڭدىشىپ، دوستلۇق مېھرىنى ئىزھار قىلىپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، خۇشال، ئىناق كەيپىيات ئىچىدە بايرام شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى، كۆڭۈلنى ئىللىتىدىغان ئىللىق كۆرۈنۈشلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا نامايان بولدى.

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرى يەكشەنبەبازار كەنتىدە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزمەكتە.

لى جيې فوتوسى

     6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ بوستان كەنتىدە، ئاتۇش شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مەركىزىدىكى كادىرلار بۇ كەنتتىكى تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ھەم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئارقىلىق بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

ئاتۇش شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

    6-ئاينىڭ 16-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى غۇلاممەمەت مادالنىڭ ئۆيىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، تۇغقانلاشقان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىپ، ئۆزئارا بەخت تىلەپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

نيۇ چاڭمېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.