ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە ئۈچ كۈن قالدى، كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى.

سۈرەتتە: كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى
«6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 20دە، كۆرگەزمە سارىيى پۈتۈنلەي ياسىلىپ بولدى.» شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى كۆرگەزمە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياردەمچىسى خالمۇرات سېيىت مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدان-سارايلارغا ئېلىپ كىرىلىپ تىزىلىدۇ.

سۈرەتتە: كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ زال ئىچى-سىرتى كۆرگەزمە كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سېلىنما ھەمكارلىقى، خەلقئارا، خاس كەسىپلەر، جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، كۆرگەزمىدە جەمئىي 14 كۆرگەزمە سارىيى ۋە ئىككى زال سىرتى كۆرگەزمە رايونى بار، 1-نومۇرلۇق سارايدىن 7-نومۇرلۇق سارايغىچە ھەممىسى ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە سۇپىسى بولۇپ، ئالاھىدە بېزىلىش نىسبىتى %77كە يەتكەن. كۆرگەزمىدە يەنە تۇنجى قېتىم مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيى، شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنغان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى