تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر∣كۆرگەزمە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر كۆرگەزمە ئورنىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرماقتا

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن خەۋىرى، فوتوسى) «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا-ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ، نۆۋەتتە كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى سودىگەرلەر كۆرگەزمە ئورنىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ زال ئىچى-سىرتى كۆرگەزمە كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 14 كۆرگەزمە سارىيى ۋە زال سىرتى كۆرگەزمە رايونىدىن ئىككىسى بار، زال ئىچى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆزگىچە بېزىلىش نىسبىتى %77كە يەتكەن. كۆرگەزمىدە يەنە تۇنجى قېتىم مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىندى.

6-ئاينىڭ 22-كۈنى، قۇرۇلۇشچىلار شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمە زالىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.