تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى

«بىرلىكتە جۇڭگوغا نەزەر سېلىش» شىنجاڭ سەپىرى قورغاس پورتىغا كىردى:

شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

باش ياز مەزگىلىدە ھاۋا ئوتتەك ئىسسىپ كەتكەنىدى. 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، «بىرلىكتە جۇڭگوغا نەزەر سېلىش» شىنجاڭ سەپىرى زىيارەت پائالىيىتى باشلاندى، ئافغانىستان، پاكىستان، مالدىۋې قاتارلىق 24 دۆلەتتىن كەلگەن 26 مۇخبىر ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئالتە كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ.

«بىرلىكتە جۇڭگوغا نەزەر سېلىش» مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى CGTNنىڭ 2024 - يىلى يولغا قويغان نۇقتىلىق تاشقى تارقىتىش تۈرى.

شۇ كۈنى «بىرلىكتە جۇڭگوغا نەزەر سېلىش» شىنجاڭ سەپىرى باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكى شىمالىي شىنجاڭ لىنىيەسى ئەزالىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا زىيارەتكە بېرىپ، تۇنجى بېكەت قورغاس پورتىغا كەلدى.

جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تۇتاشما يولىدىكى قىزىل، كۆك ئىككى خىل رەڭلىك دۆلەت چېگرا سىزىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، يەمەن، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇخبىرلار ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە داكا قىلىپ سۈرەتكە تارتىپ، كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. يەر يۈزىدىكى قىزىل رەڭلىك رايون جۇڭگوغا، كۆك رەڭلىك رايون قازاقىستانغا ۋەكىللىك قىلاتتى، چېگرا سىزىقىدىن ئۆتسىلا چەت ئەلگە چىققىلى بولاتتى، قولنى سۇنسىلا «دۆلەت ھالقىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش»تەك ئاجايىپ تەسىراتنىمۇ ھېس قىلغىلى بولاتتى.

قورغاس پورتىغا، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەندە، ئىراق ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ باش مۇخبىرى سامىر ئەلى ھاشىم ئىزچىل يان تېلېفونىنى ئېلىپ كۆز ئالدىدىكى ھەممىنى خاتىرىلەپ ماڭدى.

«ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش - چىقىش، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاۋارلىرى قورغاس پورتىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىكەن.» سامىر قورغاس پورتىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى ۋە قولايلىقلىقىدىن ھەيران قالدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ھەم ئۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشى كېرەك.

رۇسىيەنىڭ قاپلىما قونچىقى، قازاقىستاننىڭ شاكىلاتى، شىۋېيتسارىيەنىڭ سۈت پاراشوكى، ۋىيېتنامنىڭ قەھۋەسى... ھەرقايسى باج كەچۈرۈم قىلىنغان چوڭ سودا شەھەرچىلىرىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار تىزىلغانىدى.

«ھازىر تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل پۇلى بانكا كارتىسى ئارقىلىق چىقىم قىلغىلى بولىدىكەن، يەنە كۆچمە چىقىم ھېساباتىغا چەت ئەل پۇلى بانكا كارتىسىنى باغلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، جۇڭگودا چىقىم قىلىش توسالغۇسىز راۋان ئىكەن. لىۋان «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى لىما ھانى مۇنداق دېدى: مېنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكانلاردىكى تاۋارلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، باھاسىمۇ ناھايىتى ئەرزان ئىكەن. مەن جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت چېگرا سىزىقىدا تۇرغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلالىدىم، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. دۆلىتىمگە قايتقاندىن كېيىن، مەن سىن، سۈرەت - يېزىق شەكلىدە جۇڭگو شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى خەۋەر قىلىپ، لىۋاندىكى تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي، گۈزەل، قىزغىن شىنجاڭنى كۆرسىتىمەن.

چۈشتە قورغاس تاشيول پورتى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، جۇڭگودا ئىشلەنگەن قاتار - قاتار چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى، ماشىنا - ئاپتوموبىللار، يېڭى ئېنېرگىيەلىك پىكاپلار ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن رەتلىك تىزىلغانىدى.

قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مال مەيدانىدا، جىددىي، ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، ھەر كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن مېۋە، كۆكتاتلار بۇ يەرگە يىغىلىپ، قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىپ، شۇ جاينىڭ مېۋە، كۆكتات بازىرىغا «جۇڭگوچە تەم» قوشىدىكەن.

ئومان «ياشلار گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى خالىد مەھمۇد ئوۋلابى مۇسا مۇنداق دېدى: مەن كۆرگەن قورغاس پورتى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بوپتۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تەشەببۇسنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

ئالجىرىيەلىك تاراتقۇ خادىمى سەمى كايىدى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مېنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇ جاي ئىنتايىن خاسلىققا ئىگە ئىكەن، ھېس قىلىشقا ئەزرىيدىكەن، ئۈمىد كۈتۈشكە ئەرزىيدىكەن.

كېيىنكى مۇساپىدە، زىيارەت ئۆمىكى يەنە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىپ، يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى زىيارەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىرتقا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرسىتىپ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ تەسىرلىك شىنجاڭنى دۇنياغا نامايان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.