تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى − «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئېسىل نومۇرلار، ئېسىل گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ۋە خاس ساياھەت ئويۇنلىرى ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوپېرا، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، گۈزەل سەنئەت، سەنئەت پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق ئېسىل مەدەنىيەت ئەسەرلىرى نامايان قىلىنىدۇ.

«پائالىيەت تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ تاۋ.

بۇ نۆۋەتلىك «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»نى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش» باش تېما قىلىنغان.

«جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» ئېسىل نومۇرلار كۆرىكى، ئېسىل گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، خاس مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما پائالىيىتى ھەمدە توردا كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئون تۈرلۈك ئاساسلىق پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان. پائالىيەت مەزگىلىدە، مۇزىكىلىق تىياتىر «نەنكۇڭ»، ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»، مۇزىكا كېچىلىكى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى» قاتارلىقلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدىكى چوڭ تىياتىرخانا ۋە مۇزىكا زالى قاتارلىق ئورۇنلاردا قويۇلىدۇ؛ «يىپەك يولى رەسىم تىلى − <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق سىزىش ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» «كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش − سالۋادور دالىنىڭ <مۇقەددەس كۈي> ناملىق ئېسىل ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق ئېسىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمىخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؛ «يىپەك يولى . مىڭ يىللىق تەسىرات» «غەربىي يۇرتقا قايتىش» قاتارلىقلار شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا قويۇلىدۇ.

«پائالىيەت مەزگىلىدە، يەنە <شىنجاڭ ياخشى جاي> قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئويۇن، كۆرگەزمە كۆرسىتىلىدۇ ۋە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.» ياۋ تاۋ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» دۇنياغا «مىللەتلەر ئىناق بولغان، سەنئەت گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئېچىۋېتىلگەن» شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ ۋە تارقىتىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.