قەشقەر بىلەن چوڭ قولتۇق رايونىنى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، قەشقەرگە مۇناسىۋەتلىك ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسى ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى بېيىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى خاتىرىلەش كۈنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەردىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى. بۇ، قەشقەردىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئىككىنچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا قونىدىغان ئايروپىلانى. شالقىن فوتوسى
بۇ قېتىم ئېچىلغان قەشقەردىن شياڭگاڭغا بېرىش-كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى بوئىن 8-737 ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ8107/8 بولۇپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىش مۇساپىسى پىلانىدا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 13تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسى پىلانىدا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭدىن ئۇچۇپ، سائەت 21دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەرگە يېتىپ بارىدۇ.
قەشقەر بازىرىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئېچىش ئارقىلىق، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر ئىككىلەمچى تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي بېيىتىپ، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنى سىرتقا تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى. بۇ يىلدىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەردىن ئىسلامئابادقا، قەشقەردىن شاڭخەي پۇدۇڭغا، قەشقەردىن جېڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچتى. نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قەشقەردىكى ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسى 18گە كۆپەيدى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قەشقەردىن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى بېيجىڭ داشىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، جىنەن، چاڭشا، جېڭجوۋ، ۋۇخەن، لەنجوۋ قاتارلىق 11 ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسىنى قاپلىغان بولۇپ، ۋاقىتنى تەكشى تارقاقلاشتۇرۇپ، سەپەرگە چىقىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ئىقتىسادى جانلانغان رايونلار ئارىسىدا بوشلۇق تېز لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى.
شىنجاڭ ئىچىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەرنى ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەر بىلەن زىچ تۇتاشتۇردى. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان «بوشلۇق تېز لىنىيەسى»نى بەرپا قىلدى، ھەر كۈنى سەككىز-توققۇز نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋاقتى ئەتىگەن، چۈش، كەچتىكى پۈتۈن كۈنلۈك ۋاقىت بۆلىكىنى قاپلاپ، ساياھەت، ھۆكۈمەت، سودا ئىشلىرى يولۇچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى-قەشقەر ئىككى جايغا شۇ كۈنى بېرىش-كېلىش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى، شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرگە بېرىشىغا قولايلىق ياراتتى.
قەشقەر-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت، ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن بوشلۇق كۆۋرۈكى سېلىپ، قەشقەر ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوشلۇق يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى