تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر| «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى» بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئون تۈرلۈك پائالىيەتتە قالتىس ئىشلار ئۈزۈلمەيدۇ

    ​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 8-نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ھەپتىلىكى» 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ مەزگىلدە تىياتىر نومۇرلىرى كۆرگەزمە ئويۇنى، ئېسىل گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ۋە خاس ساياھەت ئويۇنلىرى ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوپېرا، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، گۈزەل سەنئەت، سەنئەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرى نامايان قىلىنىدۇ.

    «پائالىيەت توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ تاۋ.

    7-نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا  كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، «جۇڭگو چەت ئەل مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ھەپتىلىكى»دىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»دىن  كۆرۈنۈش.                     سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەمىنلىگەن

    بۇ نۆۋەتلىك «جۇڭگو چەت ئەل مەدەنىيىتى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»نى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى توقۇپ چىقىش مەدەنىيەت ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش» باش تېما قىلىنغان.

    «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» تىياتىر نومۇرلىرى كۆرگەزمە ئويۇنى، ئېسىل گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، خاس مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما پائالىيىتى ھەمدە توردا كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئون تۈرلۈك ئاساسلىق پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان. پائالىيەت مەزگىلىدە، مۇزىكىلىق تىياتىر «نەنكۇڭ»، ناخشا-ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»، مۇزىكا كېچىلىكى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى»، «ناخشىمىز سىز ئۈچۈن ياڭرايدۇ−دەي يۈچياڭ كەلگۈسى <تىياتىر› مۇزىكا كېچىلىكىنى ئېلىپ كەلدى» قاتارلىقلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدىكى چوڭ تىياتىرخانا ۋە مۇزىكا زالى قاتارلىق جايلاردا قويۇلىدۇ؛ «يىپەك يولى سۈرەت تىلى − <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق سىزىش ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»، «كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش − سالۋادور دومىنگونىڭ <شېنچۈ> نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق نادىر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمىخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؛ «يىپەك يولى . مىڭ يىللىق تەسىرات» «غەربىي يۇرتقا قايتىش» قاتارلىقلار شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى قاتارلىق جايلاردا قويۇلىدۇ.

    «پائالىيەت مەزگىلىدە، يەنە <شىنجاڭ ياخشى جاي> قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.» ياۋ تاۋ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» پائالىيىتى دۇنياغا «مىللەتلەر ئىناق، سەنئەت گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئېچىۋېتىلگەن» شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ ۋە تارقىتىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، پىكىرلىشىشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا كۈچ قوشىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.