تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر丨مىڭدىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋىرى) مۇخبىرنىڭ جۇڭگو — ئاسيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، 50 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن جەمئىي 1900 دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپارات كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەرنىڭ سانى كۆپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى كۆپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى سودىگەرلەر ئاكتىپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، «ئورۇن تېپىش تەس بولۇش» ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن، توردا ۋە تور سىرتىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كەسپىي كۆرۈرمەن 10 مىڭ كىشىدىن ئاشقان.

8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش خەرىتىسى.  جۇڭگو — ئاسيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

  8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ زال ئىچى ـ سىرتىدىكى كۆرگەزمە كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 14 كۆرگەزمە سارىيى ۋە ئىككى زال سىرتى كۆرگەزمە رايونى بار، زال ئىچى پۈتۈن كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئالاھىدە بېزىلىش نىسبىتى %77كە يەتكەن، كۆرگەزمىدە يەنە تۇنجى قېتىم مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيى، شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنغان.

  بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ سېلىنما ھەمكارلىقى كۆرگەزمە رايونىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى 11 ساھە، 20 نەچچە چوڭ تۈر، 6000 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 50 نەچچە مەيدان قېتىم سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 200 دىن ئارتۇق تۈر مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا كېلىشىم ئىمزالىنىدىكەن.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.