تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر丨ئۈرۈمچى: باش تېمىلىق گۈل تەكچىسى كوچىلارنى بېزەپ كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋالدى

 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتوموبىللار ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچياۋدىكى 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى باش تېما گۈل تەكچىسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى ۋە خەۋىرى) 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى «باش تېمىسى روشەن، رەڭگى ئوچۇق، شەكلى ئۆزگىچە، گۈل تۈرلىرى مول بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ساي تېز سۈرئەتلىك يولى، شىداچياۋ، خەلق مەيدانى ۋە نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا مەنزىرە گۈللىرىنى ياساپ، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كۈتۈۋالدى.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭگۇاڭشەن يولىدا، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىلىق گۈل تەكچىسى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچياۋ ئەتراپىدىكى 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى باش تېمىلىق گۈل تەكچىسى.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانىدىكى 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى باش تېمىلىق گۈل تەكچىسى.

   «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت ئاسىيا-ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا، 50 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 1000دىن ئارتۇق كارخانا، ئاپپارات ۋە 5000دىن ئارتۇق سودىگەر كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر تاكسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى LED ئېكرانىدا 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەشۋىقات شوئارى تەكرار كۆرسىتىلدى.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.