تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر丨بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ قەغەزلىك كىرىش بېلىتى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ بانكىسى باش بانكىسىنىڭ تىجارەت بۆلۈمىدە رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە بېلىتىنى ئالدىن سېتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

6-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ بانكىسى باش بانكىسىنىڭ تىجارەت بۆلۈمىدە، شەھەر ئاھالىسى خىزمەتچى خادىمنىڭ ياردىمىدە 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ قەغەزلىك كىرىش بېلىتىنى سېتىۋالماقتا.

مۇخبىر خېي خۇڭۋېي فوتوسى

    «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا-ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى»نى باش تېما قىلغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاممىنىڭ كۆرگەزمىنى كۆرۈش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كىرىش بېلىتى ئېلېكتىرونلۇق كىرىش بېلىتى ۋە قەغەزلىك كىرىش بېلىتى دەپ ئايرىلىدۇ. كىرىش بېلىتىدە بىر ئادەم، بىر بېلەت، بىر كىنىشكا بىلەن مەيدانغا كىرىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، بېلەت ئىگىسى مەيدان-سارايغا كىرگەندە يەنە ئىناۋەتلىك كىملىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئېلېكتىرونلۇق كىرىش بېلىتى بالدۇرلا سېتىلىشقا باشلىغانىدى، ئامما جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېتىۋالسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ بانكىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، شىنجاڭ بانكىسى كۆزنەك تور بېكىتى، شىنجاڭ بانكىسى يان تېلېفون بانكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ يول ئارقىلىق مۇناسىپ بېلەت سېتىۋېلىش مەخسۇس رايونىغا كىرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ.

    شىنجاڭ بانكىسى 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بىردىنبىر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەغەزلىك كىرىش بېلىتىنى سېتىۋېلىش يولىنى ئاچتى، ئامما شىنجاڭ بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى 23 تىجارەت تور نۇقتىسى ۋە سانجى شەھىرىدىكى ئۈچ تىجارەت تور نۇقتىسىغا بېرىپ، قەغەزلىك كىرىش بېلىتى سېتىۋالسا بولىدۇ.

    جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى تاڭ خۇيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە توردا ۋە تور سىرتىدا بېلەت سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل قوللىنىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ئامما شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدىكى كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەر كىرىش ئېغىزىدا كودنى سىكاننېرلاپ ئېلېكتىرونلۇق كىرىش بېلىتى سېتىۋالسا بولىدۇ.

    شىنجاڭ بانكىسى رەقەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى لو خۇڭيىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بانكىسى بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدىغان تىجارەت تور نۇقتىلىرىدا «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى»نى باش تېما قىلغان 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كۆرگەزمە رايونى بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭ بانكىسى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، يەنە ئېتىباردىن بەھرىمەن قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.