تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خېبېي شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ لوپنۇرنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

6-ئاينىڭ 12-كۈنى، يۇقىرى بوشلۇقتىن لوپنۇر ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىغا نەزەر

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ)

    2021-يىلى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرى، خېڭشۇي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 5 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، لوپنۇر ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىنى قۇردى. بۇ كەسىپلەر باغچىسى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىگە كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «كىچىك شياڭگۇ ئارقىلىق بېيىش كۈنلۈكى ئېچىش»تەك گۈزەل ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىشچىلار يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى توشۇماقتا.

   كەسىپلەر باغچىسىنى قۇرۇش جەريانىدا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەترىتى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ بازار ئاساسى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنى تولۇق ئويلىشىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، بىر زامانىۋى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلدى.

ئىشچىلار ئالدىراش ھالدا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى يىغماقتا.

    كەسىپلەر باغچىسى «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پارنىكلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سورتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سېتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»تەك تىجارەت شەكلىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە بازار خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى.

ئىشچىلار ئەمدىلا ئۈزگەن يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى يۆتكىمەكتە.

    2023-يىلى، كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى سېتىش سوممىسى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، جەمئىي 50 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمىنىڭ 200 مىڭ يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

ئىشچىلار يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تاياقچىسىغا سۇ قۇيماقتا.

    يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خېبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەترىتى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتتى. تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى خام ماتېرىيالنى تاللاش، پىششىقلاش، خالتىغا قاچىلاپ مىكروبسىزلاندۇرۇش، ئانا باكتېرىيەنى ئەملەش، زەمبۇرۇغ يىپچىسىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق پۈتۈن جەرياننىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى ئۆستۈرۈش جەريانىنىڭ ئىلمىي، ئۆلچەملىك بولۇشىغا، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.