تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تونۇشقىنىغا 27 يىل بولغان قوشنا ئاچا - سىڭىللار بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭفەن

«زەرىپە سىڭلىم، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!»

«لى ئاچا، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!»

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قۇربان ھېيت، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى نىڭشياۋەن قورۇسىدىكى 3 - قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان لى لىمىن نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆزى ئەتكەن فېنتاڭ ۋە يۇۋشاڭنى ئېلىپ، 1 - قەۋەتتىكى قوشنىسى زەرىپە ئەخمەتنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. 1997 - يىلى تونۇشقاندىن ھازىرغىچە، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ بىر جۈپ ئاچا - سىڭىل بۇرۇندىنلا چوڭ - كىچىك بايراملارنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە كۆنۈپ كەتكەنىدى.

لى لىمىننىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا زەرىپە بىلەن ئېرى ياسىن ئىمىن بالدۇرلا قوي گۆشىنى پىشۇرۇپ قويغانىدى. بىر ئۈستەل مەززىلىك تائاملارنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆتكەن ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىدى.

1997 - يىلى، لى لىمىن ئەر - خوتۇن بىلەن زەرىپە ئەر - خوتۇن نىڭشياۋەن قورۇسىدىكى يېڭى بىناغا 1 - تۈركۈمدە كۆچۈپ كىرگەن ئاھالىلەردىن بولۇپ قالدى. قورۇدا پەقەت بىرلا بىنا بار بولۇپ، قوشنىلار ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ئالتە ياش پەرقلىنىدىغان بۇ ئىككىيلەن دائىم بىر - بىرىنى ئاچا، سىڭلىم دەپ چاقىرىدىغان بولدى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن مەھەللىدىكى ھەر قېتىملىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئۇلار دائىم دېيىشىپ بىللە قاتنىشىپ، تەۋەلىكتىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ياخشى ئاچا - سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى. ئىككى ئائىلىدىكىلەر كىشىلىك ھاياتىدىكى چوڭ ئىشلارغىمۇ ئىككى تەرەپ ئەزەلدىن تولۇق قاتنىشىپ كەلدى.

2017 - يىلى 9 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە، لى لىمىننىڭ ئېرى يۈرەك تىقىلمىسى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. «شۇ چاغدا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك، كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغانىدى» دېدى لى لىمىن ئەسلەپ.

ئىككىنچى كۈنى سەھەردىلا، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى، لى لىمىننىڭ ئۆيىدە مېھمانلار كۆپ بولۇپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ياخشى كۈتۈشكە ئامالسىز قالغاندا ئۇنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى: ئۇنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق بىنادىكى 1 - قەۋەتتىن 3 - قەۋەتكىچە بولغان قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئىشىكىنى يوغان ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ئۆيلىرىگە كىرىپ ئارام ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى. ياسىن ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرى ھويلىغا چوڭ قازان ئېسىپ پولۇ ئېتىپ، قاچا - قاچا پولۇلارنى يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغا سۇندى.

كىشىلەر قايتىپ جىمجىتلىققا چۆمگەندىن كېيىن، لى لىمىننىڭ قايغۇ - ھەسرىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇ بۇ قايغۇلۇق كۈنلەردىن ئۆتۈۋالغۇچە زەرىپە ھەر كۈنى دېگۈدەك كېلىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى، ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى، ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇردى.

زەرىپەنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە لى لىمىن ۋە قوشنىلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى. ئىككى يىل ئىلگىرى، زەرىپە ئۆيىدە تاماق ئېتىۋاتقاندا پۇتىنى كۆيدۈرۈۋالدى، لى لىمىن ۋە قوشنىلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇنى يوقلاپ كەلدى. كۈندۈزى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقاردى، ھەر قېتىم تاماق ۋاقتىدا ئۆزلىرى ئۆيىدە ئەتكەن تاماقلىرىنى ئۇنىڭغا سۇندى.

«كىچىك ۋاقتىمدا دادام بىزگە <ئۆي سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن قوشنىلارغا قاراش كېرەك> دەيتتى، ئۇ چاغدا بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيتتىم.» زەرىپە مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىللاردا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە قولۇم - قوشنىلىرىم ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى غەمدىن خالاس قىلغاندا، ئاندىن بۇ گەپنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلدىم».

بۇلتۇر يازدا، زەرىپەنىڭ ئۆي زىننەتلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، لى لىمىن ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى بۇ سىڭلىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «مەن بۇ مەزگىلدە قىزىمنىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن، سىز ئېرىڭىز بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ كىرىڭ» دېدى.

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۈز ئائىلىلىك زىياپەت بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، بىر قوشنىسى لى لىمىندىن: «قۇربان ھېيتنى كىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزىسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن: «ئەلۋەتتە سىڭلىم زەرىپە بىلەن بىللە ئۆتكۈزىمەن!» دېدى.

تۈرلۈك تەسىرلىك ئىشلارنى ئەسلىگەچ، زەرىپە بىر سىقىم قۇرۇق مېۋىنى ئېلىپ، لى لىمىننىڭ نەۋرىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ چوڭقۇر مېھرى بىلەن: «بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرى تونۇشقاندا، بۇ بالىنىڭ ئاپىسى تېخى كىچىك ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى ئالتە ياشقا كىردى» دېدى.

لى لىمىننىڭ قىزى لى يۈتىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدا ھەر قېتىم مەكتەپتىن بالدۇر قايتقاندا، دادام - ئاپام تېخى ئۆيگە قايتمىغان چاغدا، قوشنا تاغا - ھەدىلەر قىزغىنلىق بىلەن مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، كەچلىك تاماق بېرەتتى. «مەن توي قىلغان كۈنى زەرىپە ئاچام بىلەن ياسىن تاغام بىللە كېلىپ تويۇمغا قاتناشتى. مەن تۇغقاندىن كېيىن، زەرىپە ئاچام سوۋغات ئېلىپ بىزنى يوقلاپ كەلدى.» لى يۈتىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بۇرۇنلا قوشنىلاردىن ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ئايلىنىپ بولغان.

تاماق يېگەچ، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ياسىن ئەر - خوتۇن لى لىمىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقماقچى بولدى. «ساياھەت پىلانىنى ئالدىرىماي ئويلىشايلى، ۋاقتىڭىز بولسا ئاۋۋال ماڭا ھاجەتخانىنىڭ جۈمىكىنى ئوڭشاپ بېرىڭ.» لى لىمىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ياسىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ ئۆرۈلۈپلا ئىشكاپتىن بىر يېڭى جۈمەكنى ئالدى، «تۈنۈگۈن زەرىپەدىن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى جۈمەكنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ يېڭى جۈمەك سېتىۋالغانىدىم. يۈرۈڭ، بىز ھازىرلا بېرىپ ئالماشتۇرايلى!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.