□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي
دالىدا ۋېلىسىپىت مىنىش، دالىدا قونغاندا ئەخلەت قالدۇرماسلىق، تاماق يېگەندە كىچىك تەخسىلىك قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇش... قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما يېشىل، ساغلام، مەدەنىي ھېيت ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.
دالا تەنھەرىكىتى
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش
«دىت!» رېپېر چالغان پۇشتەك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، مۇسابىقە رەسمىي باشلاندى. قۇربان ھېيت يېتىپ كېلەي دېگەندە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12 ـ شى چاڭجوۋ كوچىسى كوچا باشقارمىسى ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش ھەم بىڭتۇەن 12 ـ شى چاڭجوۋ كوچىسى كوچا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، تۆت كوماندىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مۇداپىئەلىنىشى تېز ئالماشتى، ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئەلىنىش، پاس بېرىش، گارغا توپ ئېتىش... مۇسابىقە نەق مەيدانىدا قالتىس پەيتلەر ئۈزۈلمىدى. مەيدان ئەتراپىدىكى تاماشىبىنلار مۇسابىقىنى بېرىلىپ كۆرۈپ، مەيداندىكى كوماندا ئەزالىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە ئالقىش ياڭرىتاتتى، چۇقان ـ سۈرەن ئاۋازلىرى، مەدەت بېرىش سادالىرى بىردە كۆتۈرۈلۈپ، بىردە پەسىيەتتى.
«ئاھالىلەر ئۆيلىرىدىن چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشى ئازايتىلدى.» چاڭجوۋ كوچىسى كوچا باشقارمىسىنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت خىزمىتى مەسئۇلى ياۋ مىڭشيا مۇنداق دېدى: بۇ مەيدان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئاھالىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاھالىلەرنى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردىن يىراق تۇرۇپ تۆۋەن كاربونلۇق تەنھەرىكەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھېيتنى تۆۋەن كاربونلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) قەشقەر شەرقىي يولى كوچا باشقارمىسى جىڭجياڭ يولى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭمۇ ئاساسىي مېلودىيەسى بولۇپ قالدى.
بۇ يىل سەككىز ياشقا كىرگەن جاۋ رۇيلىڭ ئاپىسى بىلەن بىللە ئىلگىرى كىيگەن كىيىملىرى، ئوقۇپ بولغان ھېكايە كىتابلىرى ۋە ئوينىمايدىغان ئويۇنچۇقلىرىنى رەتلەپ، ھېيت مەزگىلىدە مەھەللىدىكى يايما بازىرىغا ئاپىرىشقا تەييارلىق قىلدى.
«بۇ كونا بۇيۇملاردىن قايتا پايدىلانغاندا، زۆرۈر بولمىغان ئىسراپچىلىقنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ بۇيۇملارنىڭ باشقا كىچىك دوستلارنىڭ قولىدا قايتىدىن قىممەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جاۋ رۇيلىڭ.
تەۋەلىكتىكى ئاھالە ۋاڭ جۈنشېڭ ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارى بولۇپ، قىسقا دەم ئېلىشتا فوتو ئاپپاراتى ۋە ئامراق ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ نەنسەنگە ۋېلىسىپىت مىنىپ بېرىپ، يول بويى فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۆزى قالدۇرغان ئىزنالارنى خاتىرىلىدى.
«ۋېلىسىپىت مىنىشنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن بۇيان، تېنىم ساغلام، كەيپىياتىم ياخشى بولدى، يەنە بىر توپ ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى بىلەن تونۇشتۇم، مەن ۋېلىسىپىت مىنىشنى ياخشى كۆرىمەن، مەنمۇ تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت قوغدايدىغان يېشىل ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولدۇم» دېدى ۋاڭ جۈنشېڭ.
«دالىدا قونغاندا ئەخلەت قالدۇرماسلىق»
ئەسلىمىدىن باشقا ھېچنېمىنى قالدۇرماسلىق
چېدىر تىكىپ، دالا تامىقى سېلىنچىسى سېلىپ، گۈزەل تاغ ـ دەريالار مەنزىرىسى ئارىسىدا دالىدا قونۇپ، قۇرت ـ قوڭغۇزلارنىڭ چىرىلدىشى، ئوت ـ چۆپلەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى ئىچىدە، ئارامبەخش بوش ۋاقىتلاردىن بەھرىلىنىش ... بۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، تاغ ئارىسىدىكى باغچىلاردا دالىدا قونۇش ساياھەتچىلەر يېقىن ئەتراپتىكى ئىنتىلىدىغان «ئارزۇدىكىدەك جاي» بولۇپ قالدى.
دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ تۇنجى كۈنى، ۋاڭ لېي ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىنىڭ شاڭسى كەنتىدىكى چيەنمو يېزا قونالغۇ لاگېرىغا كەلدى. ۋاڭ لېينىڭ قارىشىچە، شەھەر ئەتراپىدا دالىدا قونۇش تەبىئەت بىلەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان مىكرو ساياھەت بولۇپ، بۇ ھەم كۆپ پۇل خەجلەپ يىراق جايلارغا بارمىسىمۇ بولىدىغان، يەنە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەبىئەتكە يېقىنلاشقىلى بولىدىغان يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ساياھەت شەكلى ئىكەن.
«بۇ جاي ئىككى ـ ئۈچ ئادەم بىللە يەيدىغان كىچىك خوگو بىلەن تەمىنلەيدىكەن، يەپ بولالمىغانلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىشىمىزنى ئەسكەرتىدىكەن.» ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: دالىدا قونۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولغان چېغىمىزدىمۇ «دالىدا قونغاندا ئەخلەت قالدۇرماسلىق» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك، مەيلى قەيەردە چېدىر تىكىپ دالىدا قونايلى، ئەخلەتنى قالايمىقان تاشلىماسلىقىمىز، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىقىمىز، گۈل ـ گىياھ، دەل ـ دەرەخلەرگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.
كەچ كىردى، كېچىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۈندۈزدىكى ئىسسىقى ياندى، ساياھەتچىلەر ئۆزگىچە قۇملۇق سەپىرىنى باشلىدى. بۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 ـ شى 11 ـ تۇەن يولغا قويغان قۇملۇقتا دالىدا قونۇش تۈرى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
بۇ لاگېرنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تەپسىلىي ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، بۇ «تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەخلەتلەرنى ئۆزلۈكىڭىزدىن تازىلىۋېتىڭ» دېگەن بەلگىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لاگېر يەنە سەمىمىي ھالدا ساياھەتچىلەرنى ئەخلەت خالتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دالىدا قونىدىغان جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە ئەخلەت ساندۇقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەر كىشىلەرنى ئوتنى مەدەنىي ئىشلىتىشكە يېتەكلەيدۇ، ئىنچىكە نۇقتىلاردىن مەدەنىيلىك نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.
«بىز تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، بۇ جاينى تېخىمۇ ئاسرىشىمىز، ئەسلىمىدىن باشقا ھېچنەرسە قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.» بۇ جايغا كېلىپ دالىدا قونغان ليۇ يۈەنيۈەن مۇنداق قارىدى: «دالىدا قونغاندا ئەخلەت قالدۇرماسلىق» تەشەببۇسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى ئورتاق ياخشى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يېرىم تەخسىلىك قورۇما، كىچىك تەخسىلىك قورۇما
سىرتقا چىقىپ تاماق بۇيرۇتۇشتىكى يېڭى كەيپىيات
«ياخشىمۇسىز، بىز ئۈچىمىز تاماقنى كۆپ يېيەلمەيمىز، بىزگە ماس كېلىدىغان كىچىك تەخسىلىك قورۇمىلار بارمۇ؟» 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا چاپلانغان كىچىك تەخسىلىك قورۇمىنىڭ تۈرى، باھاسى يېزىلغان جەدۋەل تاماق يېيىشكە كەلگەن كۆپلىگەن ساياھەتچىنى شۇنداق سوئاللارنى سوراشقا جەلپ قىلدى.
«ئاشخانىمىزدا ھازىر پۈتۈن تەخسىلىك ۋە كىچىك تەخسىلىك قورۇمىلار بار، خېرىدارلار تاماق زاكاز قىلىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ مۇلازىمەتچىلىرىمىزمۇ ئاشخانىدا كىچىك تەخسىلىك يۈرۈشلۈك قورۇما بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ھەم خېرىدارلارنىڭ سانى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن ئۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تاماق بۇيرۇتۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەيدۇ» دېدى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى ئۇيسۇن مەيخانىسىنىڭ دىرېكتورى جاۋ كۇن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىدا، بۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بارغانسېرى كۆپ يېمەك ـ ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى كىچىك تەخسىلىك قورۇمىلار، كۆپ خىللاشقان، خاس مەززىلىك تائاملار يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، يېمەك ـ ئىچمەك ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
قاناس، قۇمقاناس مەنزىرە رايونىدىكى %50 يېمەك ـ ئىچمەك تىجارەتچىلىرى كىچىك تەخسىلىك يۈرۈشلۈك قورۇمىلارنى چىقىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. «بىز ئوينىغىلى چىققاندا، شۇ جاينىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى كۆپرەك تېتىپ بېقىشنى ئويلايمىز، كىچىك تەخسىلىك قورۇما بار بولسا، بىزنىڭ تاللىشىمىزمۇ كۆپىيىدۇ، تويغۇچە يېيىش، ياخشى يېيىش بىلەن بىللە ئىسراپچىلىقمۇ يۈزبەرمەيدۇ» دېدى گەنسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى ما جيەن.
ۋەيمەي سۇپىسىمۇ بىر ـ ئىككى ئادەم يېيىشكە ماس كېلىدىغان نۇرغۇن كىچىك تەخسىلىك قورۇما چىقاردى. ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدىكى رەت تەرتىپى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر يېمەك ـ ئىچمەك دۇكىنى تىجارەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيدە ئولتۇرۇشنى تاللايدىغان بولغاچقا، دۇكىنىمىز مەخسۇس يېرىم تەخسىلىك قورۇما ۋە كىچىك تەخسىلىك قورۇما تەييارلاپ ئىسراپچىلىقتىن ساقلاندۇق. خېرىدارلارنىڭ تاماق زاكاز قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كىچىك تەخسىلىك قورۇمىلار تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىپ، زاكاز مىقدارىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.
«كىچىك تەخسىلىك قورۇما گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئاشلىقنى تېجەش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ داۋلىنى چۈشەندۈرىدۇ.» دائىم ۋەيمەي بۇيرۇتىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چا ۋېنجيې مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كىچىك تەخسىلىك قورۇما بىلەن تەمىنلەيدىغان سودىگەرلەر كۆپ ئەمەس ئىدى، ھازىر ئاستا ـ ئاستا كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تاماقنى ئاز، سەرخىل يېدىم، ئىسراپچىلىق قىلمىدىم.