شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت ياڭ يەنيۈ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنىڭ «ھاياتلىق يولىنى راۋانلاشتۇرۇش» ناملىق باش تېمىلىق تەشۋىقات فىلىمىنىڭ قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 2024 - يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش كۈنى» پائالىيىتى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ ئەسىر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىل 6 - ئاي 23 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى»، باش تېمىسى «ھەممە كىشى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىشى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىش − ھاياتلىق يولىنى راۋانلاشتۇرۇش.» باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ ۋېنجۇاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتى كارخانىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىشىك ئالدىدىلا قويۇق بىخەتەرلىك تەشۋىقات كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇق، كارخانىمىز ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلىرىمىز زور نەپكە ئېرىشتى».
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بىلىم ئېلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن، رەڭدار، قالتىس ناخشا - ئۇسسۇل، ۋەقەلىك تىياتىر، ئېتۇت قاتارلىق بىخەتەرلىك مەدەنىيىتى خاسلىقىغا ئىگە ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى؛ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھىنىڭ بىخەتەرلىك لېكتورى ۋاڭ يىفەن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بىخەتەرلىك بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەپ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئورتاق سادا پەيدا قىلدى؛ مۇكاپاتلىق سوئال - جاۋاب ھالقىسىدا، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، بەس - بەستە تالىشىپ جاۋاب بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، 24 مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى ئالدىدا، خىزمەتچى خادىملار ئاممىغا ھاياتلىق يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى، ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى چۈشەندۈردى؛ كۆرگەزمە رايونىدا، چېقىش - چۇۋۇش ئۈسكۈنىلىرى، ھاياتلىق ئىزنالىرىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، گاز تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق كۆپ خىل جابدۇق - ئۈسكۈنىلەر ئاممىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداندا ئۇلارغا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھېس قىلىش رايونىدا، ئامما ئەمەلىي كۆرۈنۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆپ خىل ئاپەت كۆرۈنۈشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى ھەم خىزمەتچى خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن بۇ خىل ئاپەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىۋالدى.
«ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىلقى <بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش كۈنى> پائالىيىتى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ ھەم چوڭ تىپتىكى تۆت مەيدان بىخەتەرلىك تەشۋىقات پائالىيىتى تەسىس قىلىندى.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى ئاخبارات - تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چى گۈيجاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كارخانا، مەھەللە، يېزا ھەمدە ئادەم زىچ توپلاشقان جاي قاتارلىق مەيدان - سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، پائالىيەت قېتىم سانى تېخىمۇ كۆپ، ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، شەكلى تېخىمۇ مول، جانلىق بولۇپ، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئامما ياقتۇرىدىغان، ئالقىشقا ئېرىشكەن مەزمۇنلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، سىياسەتنى «يۈزتۇرا» تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاممىغا «نۆل ئارىلىق»تا مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.