تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىئەندىكى ئۇسسۇل ھەۋەسكارى مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى جايدىن شىنجاڭغا كېلىپ ئۇسسۇل ئۆگەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىل يۇ مېڭمېڭ

شوخ رىتىمغا ئەگىشىپ، ئۇسسۇلچى ئىككى بىلىكىنى كۆتۈرۈپ، چەبدەسلىك بىلەن بېغىشىنى ئەپچىل ئويناتتى... 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنىنىڭ ئۇسسۇل مەشىق زالىدا، 50 ياشلىق شيا ئەن شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇسسۇل بويىچە تەربىيەلەش دەرسىنى ئاخىرلاشتۇردى.

شيا ئەن شىئەندىكى بىر ئۇسسۇل ھەۋەسكارى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگەنگىلى ئۈچ يىل بولغان، «2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مەن ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى بىر باغچىدا ئايلىنىۋېتىپ، لەرزان مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. شۇ چاغدا مۇئەللىمنىڭ بەدەن ھەرىكىتىنىڭ ناھايىتى قىزغىن، شوخ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز ئەگىشىپ ئون نەچچە مىنۇت ئۆگەندىم، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم.» شيا ئەن مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەت شەكلىنى تېپىشنى ئويلاپ، يۈگۈرۈشنى سىناق باقتىم، پەي توپ ئويناپ باقتىم، لېكىن داۋاملاشتۇرالمىدىم، «شىنجاڭ ئۇسسۇلى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىخچام، يىغىنچاق ئىكەنلىكىنى، ئەر - ئايال، چوڭ - كىچىكلەرنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويناش جەريانىدا ناھايىتى ھۇزۇرلىنىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم».

دەسلەپتە، شيا ئەن ئەتراپىدىكى دوستلىرىدىن ئۆگەندى، كېيىن ئۇ ئاددىي ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىگە قانائەت قىلماي، تەرەپ - تەرەپتىن ئۇستاز تۇتۇپ، ئەسلىي ئۇسلۇبتىكى شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.

يېقىندا، ناخشا - ئۇسسۇلغا تولغان شىنجاڭ − «ئۇسسۇل ئويناپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش . تىيانشاندا جۇلالىنىش»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى رەنا ئابدۇكېرىم قاتارلىق كۆپلىگەن كەسپىي ئارتىسلار شۇ جايدا قىسقا مەزگىل شىنجاڭ ئۇسسۇلى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى، شيا ئەن بىرىنچى ۋاقىتتا تىزىملاتتى، «رەنانىڭ بەدەن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىدىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە. بۇ بەلكىم شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ ھاياتىي كۈچى بولۇشى مۇمكىن.» شيا ئەن مۇنداق دېدى: دەرستىن كېيىن، مەن رەنا بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ساقلىۋېلىپ، پۇرسەت تېپىپ شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگەنمەكچى بولدۇم.

5 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىكى بىر كۈنى، شيا ئەن دوستلار چەمبىرىكىدىن رەنا تارقاتقان بىر ئۇچۇرنى كۆردى: 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ سەنئەت ئورنىنىڭ سەنئەت تەتقىقات - ئۆگىنىش ئۇسسۇل تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. «بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلىنىپ، دەرھال رەنا مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىپ تىزىملىتىپ، شۇ ھامان شىنجاڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلدىم.» شيا ئەن مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا، تىزىمنى تاسادىپىي قايرىۋالغانىدىم، ئەسلىدە ئۆيدە دەم ئېلىشىم كېرەك ئىدى، «لېكىن بۇ قېتىمقى پۇرسەت ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلدى، مەن يەنىلا شىنجاڭغا بېرىپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدىم».

تەربىيەلەش كۇرسى باشلانغۇچ دەرىجىلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىنىپلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شيا ئەن ئۈچ باسقۇچلۇق سىنىپنىڭ ھەممىسىگە تىزىملاتتى. «باشلانغۇچ دەرىجىلىك سىنىپتا ئاساسلىقى پۇت ئورنى، قول ئورنى ھەرىكىتى ئۆگىتىلدى، پەقەت ئاساسنى ياخشى سالغاندىلا، ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئاندىن چىرايلىق چىقىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىنىپلاردا بولسا ئاساسلىقى پۈتكەن ئۇسسۇل ئۆگىتىلدى، بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى دەرسنى قاتتىق ھەم سەۋرچانلىق بىلەن ئۆتتى، كۆز ياكى قول ھەرىكىتىنى مۇئەللىم ئازراق توغرىلاپ بەرسىلا، كۆڭلىمىز پاللىدە يورۇپ، ھېسسىياتنى تاپالىدۇق.» شيا ئەن مۇنداق دېدى: ئۆگىنىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، سەنئەت ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، «تىزىم يارىلانغاچقا، ئۇسسۇل ئۆگىنىشىمگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار ماڭا سەنئەت ئورنىنىڭ ئەتراپىدىن مېھمانخانا تېپىپ بەردى، باھاسىمۇ ناھايىتى ئەرزان بولدى».

تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشى بولغاچقا، شيا ئەننى تەبىئىي مەنزىرىلەر جەلپ قىلىپلا قالماي، بۇ جاينىڭ قويۇق ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادىتى ئۇنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلدى، «شىنجاڭغا كېلىپ ئاندىن بۇ جاينىڭ نېمە ئۈچۈن <ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى> دەپ تەرىپلىنىدىغانلىقىنى بىلدىم، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۇسسۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئىنتايىن ساپ ئىكەن، مەيلى ساددىلىقى چىقىپ تۇرغان بالىلار بولسۇن، ياكى چاچلىرى ئاقارغان ياشانغانلار بولسۇن، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۇسسۇل ئوينايدىكەن، ماڭا يېڭى بىر ئۇسسۇل دۇنياسى دەرۋازىسى ئېچىلغاندەك بولدى».

دەرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شيا ئەن يەنە سەنئەت ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگىشىپ مەھەللىگە بېرىپ كۆرگەزمە ئويۇنى قويدى، «پەقەت ئالتە كۈن دەرس ئۆگەنگەن بولغاچقا، ئويۇن قويغاندا، مۇئەللىم بىزدىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ، ئىزچىل ياندا تۇرۇپ مەدەت بەردى، رىغبەتلەندۈردى.» شيا ئەن مۇنداق دېدى: مېنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى، كەسپىي سەنئەت ئورنى - ئۆمەكلىرىدىن كەلگەن بۇ سەنئەتكارلار ھەر يىلى مەھەللە، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، پۇقرالارغا كۆپلىگەن «مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى»نى يەتكۈزىدىكەن، «سەنئەت پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كىرگۈزۈلۈپتۇ، شىنجاڭ بۇ جەھەتتە ناھايىتى ياخشى قىپتۇ».

رەنا دائىم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ شىنجاڭ ئۇسسۇلى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باراتتى، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدا، شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناشنى ياخشى كۆرۈش سەۋەبلىك جەم بولغانلارنىڭ ئون نەچچە ۋىيشىن توپى بار ئىدى، «شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ رىتىم تۇيغۇسى كۈچلۈك، قىزغىن، گۈزەل، كۆپچىلىكنىڭ بارغانسېرى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە، توپتا توردا ۋە تور سىرتىدا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىۋاتقان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۇرسانتلار بار.» رەنا مۇنداق دېدى: 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، سەنئەت ئورنىمىز 2 - قارارلىق سەنئەت تەتقىقات - ئۆگىنىش ئۇسسۇل تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدۇ.

شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئىجادىيەت - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىئەن شەھىرىدىلا شىنجاڭ ئۇسسۇلى ھەۋەسكارىدىن تەخمىنەن 90 مىڭى بار ئىكەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭ ئۇسسۇلى كۆرۈرمەنلىرى كەڭ دائىرىدە بار ئىكەن. ناخشا - ئۇسسۇل ئىچىدىكى شىنجاڭ − «ئۇسسۇل ئويناپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش . تىيانشاندا جۇلالىنىش» پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇسسۇلىدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت بەلگىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارىنى شىنجاڭغا كېلىش، شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە سەنئەت تەتقىقات - ئۆگىنىش تەربىيە - ئەمەلىيەت بازىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان، «7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنجاڭ ئۇسسۇلى ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭدا جەم بولۇپ، بىر مەيدان ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئۇسسۇل ساياھىتى سەپىرىنى باشلاپ، سەنئەت تەتقىقات - ئۆگىنىش تەسىراتى، ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، كۇەيشەن پائالىيىتىنى مەنزىرە رايونىغا سىڭدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىدۇ».

1 - قارارلىق ئۆگىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شيا ئەن ئانچە پۇخادىن چىقمىدى، «ئۇسسۇل ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، مەن ئۈرۈمچىدە يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ، كۆڭلۈمنى توختىتىپ ئۇسسۇل ئۆگىنىپ، شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشنى ئويلاشتىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.