تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

پەنلۇڭ قەدىمىي يولىدا پۈتۈن مۇساپىلىك سۈرەتكە تارتىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقا تەرەپتىن ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، ساياھەتچىلەر غۇلاچلىرىنى كەڭ ئاچتى، يىراقتىكى تاغ چوققىلىرى ئاستا - ئاستا غۇۋالاشتى، پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنىڭ ئەگرى - بۈگرى ھالىتى ساياھەتچىلەرنىڭ قەدەملىرى ئاستىدا نامايان بولدى. «بۈگۈنكى كۈندە بارلىق ئەگرى يوللارنى بېسىپ بولدۇق، ئەمدى كىشىلىك ھايات يولىمىز پۈتۈنلەي تۈپتۈز بولىدۇ»، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش + ساياھەت سۈرىتى تارتىش شەكلى ئارقىلىق بۇ سۆز كونكرېت ئىپادىلەندى.

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۇەنۋۇ بايرىمى، شياۋپەنلۇڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، چۇڭچىڭدىن كەلگەن ۋاڭ فاجېڭ ۋە گوۋ يۈ ئەر - خوتۇننىڭ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش + ساياھەت سۈرىتى تارتىش نۇقتىسى بىر كۈندە 60 نەچچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار تۆت يىل ئىلگىرى يان تېلېفوندىن پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنى كۆرۈپ، شىزاڭدىن شىنجاڭغا كەلگەنىدى. «بىز ئىلگىرى شىزاڭدىكى نۇجياڭ دەرياسىدىكى 72 ئەگىمدە سۈرەتكە تارتىش سودىسى قىلغان، پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنى كۆرگەندىن كېيىن، شۇندىلا بۇ يەرنىڭ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىشتىكى گۈزەل ماكان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. 600دىن ئارتۇق ئەگىم بار، قانداقلا سۈرەتكە تارتسا ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرىدۇ» دېدى ۋاڭ فاجېڭ.

ھەر يىلى 3 - ئايدا پەنلۇڭ قەدىمىي يولى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، ئەر - خوتۇن ئىككىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە بېرىپ، تاغ باغرىغا جايلاشقان ۋەچە يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ، 10 - ئايدا پەنلۇڭ قەدىمىي يولى تاقالغىچە تۇرۇپ ئاندىن قايتىپ كېتىدۇ. «بۇلتۇردىن بۇيان، پەنلۇڭ قەدىمىي يولىدا ساياھەتچىلەر شىددەت بىلەن كۆپەيدى، بۇ يىل بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش + ساياھەت سۈرىتى تارتىپ تاماشا قىلىش ئۇسۇلىنى تاللىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى» دېدى ۋاڭ فاجېڭ.

ساياھەت سۈرىتى تارتىش باھاسى 60 يۈەندىن 300 يۈەندىن كۆپرەككىچە، سۈرەتكە تارتىپ بولۇپلا بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان ئەسلىي سىن خېرىدارلارغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ، كىرىشتۈرۈلۈپ پۈتكەن فىلىم ئادەتتە 2 - كۈنى خېرىدارلارغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. «باھانىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، سۈرەتكە تارتىدىغان ئاپپاراتنىڭ ئورنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىز ئادەتتە ئىككى ئادەم ھەمكارلىشىمىز، بىرىمىز چوڭ كاناينى ئېلىپ يىراقتا تۇرۇپ ساياھەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىمىز، يەنە بىرىمىز ئاپپارات مەشغۇلاتى قىلىشقا مەسئۇل» دېدى گوۋ يۈ.

بۇ يىل ئەر - خوتۇن ئىككىسى يەنە يېڭىدىن بىر بېسىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى بېسىپ بەردى، سۈرەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تاللىسا بولىدۇ. ئۇلار يەنە ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

تۆت يىلدىن بۇيان، ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئىزچىل ۋەچە يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ تۇردى. بۇلتۇردىن باشلاپ، ئۇلار شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەر - خوتۇن ئىككىسى ساياھەت سۈرىتى تارتتى، قەھۋە، ئۈچەي كاۋىپى ساتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇلارغا ياردەملىشىپ كاۋاپ پىشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى شۇ جاينىڭ مەززىلىك تائاملىرى بىلەن تەمىنلىدى. «شىنجاڭلىق يۇرتداشلار تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، دەم ئالغاندا بىزنى ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ يەردە خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ناھايىتى راھەت، شۇڭا مەن تاشقورغاندا بىر تۇرغانچە تۆت يىل تۇرالىدىم» دېدى گوۋ يۈ.

«چۇڭچىڭلىق بۇ بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش + ساياھەت سۈرىتى تارتىش نۇقتىسىدىن باشقا، بۇ يىل پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىدا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش بىلەن ساياھەت سۈرىتى تارتىش بىرلەشتۈرۈلگەن كەسىپ ھالىتى كۆپەيدى، بۇمۇ بۇ يىلقى قەدىمىي يولدىكى ئەڭ يېڭى تاماشا ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غالىپ ھاكىمخان مۇنداق دېدى: شۇ جايدا سۈرەتكە تارتىشتا تەبىئىي مەنزىرە ئاساس قىلىنىپ، شەخسلەر تەبىئەتكە سىڭدۈرۈلىدۇ، ھەربىر سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىدا تۇيغۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى سۈرەتكە تارتىش كوللېكتىپىنى بىخەتەر جايدا سۈرەتكە تارتىشقا يېتەكلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ يىل، پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنى ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرگە يەنە بىر تاللاش كۆپەيدى، ئۇلار پەنلۇڭ قەدىمىي يولىدىن چۈشۈپ بەلدىر لەنخۇ كۆلىگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان بولدى. شۇ جاي شېنجېننىڭ 3 مىليون 200 مىڭ يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلەغ سېلىنمىسىدىن پايدىلىنىپ، بەلدىر لەنخۇ كۆلى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە داكا نۇقتىسى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەر داكا قىلىپ سۈرەتكە تارتىش، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ياساپ، ساياھەتچىلەر خالىغانچە ئاپتوموبىل توختىتىش سەۋەبلىك بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى زور بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. «بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلەر پەنلۇڭ قەدىمىي يولىدا تاغ چوققىسىغا يامىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىز مەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ ياغاچ ئاسما يول ياساپ، يايلاقنى قوغداش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرگە ئېگىزلىكتىكى بوشلۇق يايلىقىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى بەلدىر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۆ شىفاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.