تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يېڭى مېۋىلىرى ئايروپىلان ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

بۈگۈرنىڭ بالدەك شېرىن ئاق ئۆرۈكى تېتىپ بېقىشىڭىزنى كۈتمەكتە. 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەكبازار يېزىسىدا، «ئاق ئۆرۈك ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش . شۇنفېڭ ئارقىلىق يېڭى مېۋىلەرنى تاپشۇرۇۋېلىش» 2024 - يىللىق بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، كۆپچىلىك پائالىيەتكە قاتناشقاچ، ئاق ئۆرۈككە ئېغىز تېگىپ، يەنە ئاق ئۆرۈك تاللاش مەركىزىگە كىرىپ، ئوراپ قاچىلاش، تاللاش، مال سېلىش قاتارلىق ھالقىلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى...

ھازىر، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا كىردى، ئاق ئۆرۈك، قوغۇن، گىلاس... سىز پەقەت تور ياكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ئارقىلىق زاكاز قىلسىڭىزلا، شىنجاڭنىڭ يېڭى مېۋىلىرى ئايروپىلان ئارقىلىق سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش يولى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش

بۇ يىل، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەكبازار يېزىسى 1000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاق ئۆرۈك تاللاش مەركىزى تەسىس قىلىپ، مال بىلەن تەمىنلەش، ئىلغاش، ئوراپ قاچىلاش، مال سېلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلغاش، ئوراپ قاچىلاش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆرۈكلەرنىڭ سېتىلماي دۆۋىلىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن باغۋەنلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىدە ئاق ئۆرۈكنى تېز يەتكۈزۈش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، شۇ كۈنى 39 مىڭ يېشىك 78 توننا ئۆرۈك ئەۋەتىلدى.

«ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغان ئاق ئۆرۈككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توشۇش ئاچقۇچ. ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ئايرودۇرۇم بايلىقى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدىمۇ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن <ئاق ئۆرۈكنى شىنجاڭدىن چىقىرىش> يېشىل يولى بەرپا قىلىپ، تېز سۈرئەتتە بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر دانە ئاق ئۆرۈكنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى شوۋگو تونۇشتۇرۇپ.

بۇ يىل، شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرى، تېرەكبازار يېزىسى، چېدىر يېزىسى، ئەشمە يېزىسىغا سەككىز سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى سەپلەپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ يىللىق ئاق ئۆرۈك توشۇش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، مۇددەتتىن بۇرۇن شۇنفېڭ گۇرۇھى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ ئۇدۇللىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاۋىياتسىيە بايلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ گەۋدىلىك پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى بايلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئايروپىلان تىپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ 28 توننا يۈك قاچىلىغىلى بولىدىغان بوئېن 757 تىپلىق ئايروپىلاننى 48 توننا يۈك قاچىلىغىلى بولىدىغان بوئېن 767 تىپلىق ئايروپىلانغا ئالماشتۇردى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى رېن شىنيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش يولىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش، ئەۋەتىش يولى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى، سودا ئېقىمى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پوچتا تېز يەتكۈزۈش تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش

ھازىر، قەشقەر ۋىلايىتىدە 45 مىڭ مو يەردىكى گىلاس ئارقا - ئارقىدىن پىشىپ، مەركەزلىك بازارغا سېلىندى. يەكەن ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى گىلاستىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ھەر كۈنى زور مىقداردىكى گىلاس تېز يەتكۈزۈش يولى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلدى.

«4000 يېشىكتىن ئارتۇق گىلاس يوللانمىسىنى قوبۇل قىلدۇق، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا سېتىلغاندىن سىرت، يەنە شاڭخەي، بېيجىڭ، جېجياڭ، خېنەن، سىچۇەن، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلدى» دېدى شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى يەكەن ناھىيەسى شۆبە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خې جېنۋېي.

يەكەن ناھىيەسىدىكى گىلاس ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايدا، شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى 20دىن ئارتۇق باشقۇرغۇچى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئاجرىتىپ، گىلاس ئۈزۈش رايونى، سېتىش رايونى، ساياھەتچىلەر ئىستىراھەت رايونىدا ئۈچ يوللانما قوبۇل قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، باغۋەنلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ گىلاس ئۈزۈشى، ئوراپ قاچىلىشىغا ياردەم بەردى.

خې جېنۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: گىلاسنى توشۇش جەريانىدا يېڭى پېتى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش ھالقىسىدا مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئورالما ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى، بىر قىسىم گىلاسلار ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىن بىۋاسىتە تارقىتىلىپ، تارقاق ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق تولۇقلاندى، بىر قىسىم گىلاسلار شۇنفېڭ پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى ئارقىلىق خۇبېي ئۆلكىسى ئېجوۋ خۇاخۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن ئېجوۋدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىپ، دۆلىتىمىز ئىچىدە 72 سائەتكىچە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پوچتا تېز يەتكۈزۈش تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار ئورۇن، تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە توشۇشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەنتلەردىن چىقىرىپ شەھەرلەرگە كىرگۈزۈش، ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈپ كەنتلەرگە كىرگۈزۈشتىكى قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشىدۇ.

ئاۋات پەسىلدە مۇقىم، تەرتىپلىك ئەۋەتىش - يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشتى، شۇ كۈنى 385 مىڭ پارچە يوللانما بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئالدىنقى كۈندىكىگە سېلىشتۇرغاندا 60 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق يوللانما يېڭىدىن كۆپەيدى.

بۇ يىلقى «18 - ئىيۇن» ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە چوڭ تىپتىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى، شىنجاڭنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئايرىش - تارقىتىش مەركىزى − ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىنىڭ كەسىپ مىقدارىدا تەدرىجىي ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى.

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزى قوغۇننى «يېڭى پېتى ئالاھىدە تېز يەتكۈزۈش» تۈرىنى يولغا قويدى، شۇ كۈنى بۇ مەركەز تەخمىنەن 17 مىڭ پارچە قوغۇن يوللانمىسىنى قوبۇل قىلدى. ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزى ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى جېڭ شىنۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: «18 - ئىيۇن» ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە چوڭ تىپتىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى ۋە قوغۇننى «يېڭى پېتى ئالاھىدە تېز يەتكۈزۈش» تۈرىنى يولغا قويۇشقا توغرا كەلگەچكە، ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزى يوللانما بىرتەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئاۋات پەسىلدىكى كەسىپ مىقدارىنىڭ %50 ئېشىشى مۆلچەرلەندى. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، بۇ مەركەز ئايروپورتقا ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى جەمئىي 48 توننىغا يېقىن 11 مىڭ 379 خالتا (يېشىك) يوللانمىنى توشۇشقا تاپشۇردى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۈندىلىك توشۇشقا تاپشۇرۇش مىقدارى %50تىن كۆپرەك ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە قوغۇننى «يېڭى پېتى ئالاھىدە تېز يەتكۈزۈش» تۈرى بويىچە 25 توننىغا يېقىن 5090 پارچە يوللانما توشۇشقا تاپشۇرۇلدى.

«بىز ھاۋا بوشلۇقى يان رايونىدا توشۇش قولاي، تېز بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يوللانمىلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھاۋا بوشلۇقى يان رايونىدا تېز سۈرئەتتە بىۋاسىتە ئايروپىلانغا يۆتكەيمىز.» جېڭ شىنۋېي مۇنداق دېدى: «18 - ئىيۇن» ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە چوڭ تىپتىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئۈنۈملۈك ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، بىز سىرتقى ھۆددە شىركەتلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئىسمېنا ۋە خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئاۋات پەسىلدە مۇقىم، تەرتىپلىك ئەۋەتىش - يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.