□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن
ئەگەر ئۇزاق يىللارنى ھالقىپ ئۆتۈپ سىزنىڭ غەربىي يۇرتنى بىر كۈن ساياھەت قىلىدىغان ۋاقتىڭىز بار بولسا، ھەممىدىن بەك قەيەرگە بېرىپ كۆرۈپ باققۇڭىز بار؟
ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرگىنىڭىزدە، «ئۆيلەر تۇتاش، ئىمارەتلەر تۇتاش كەتكەن» قەدىمىي ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدا بوۋىڭىزنىڭ بوۋىسى ياققان يېڭىلا تونۇردىن چىققان ئىسسىق نانغا ئېغىز تېگىپ، كونا چايخانىدا ياڭرىغان ناخشىنى ئاڭلاپ، جاڭ چيەن بىلەن بىرلىكتە «ماللار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرىغا تولغان، ھەممە يەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن» ئاۋات مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.
تارىم ئويمانلىقىغا كەلسىڭىز، «سۇ بىلەن شەھەر بىر - بىرىگە تايىنىدىغان» كۈسەندە سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسىدىكى نوم يۆگىمىسىنى ئېچىپ كۆرگەندەك، قىزىل مىڭئۆيدىكى تاش غارغا تام رەسىمى سىزىۋاتقاندەك، كومراجىۋانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ، بىر مەيدان «خۇ ئۇسسۇلى، كۈسەن كۈيلىرى» كاتتا مەرىكىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىسىز.
«ئوت يۇرتى» تۇرپانغا بارسىڭىز، «شەھەر ئىچىدە ئېتىز بار» بولغان يارغولدا كارىزنىڭ سالقىنلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇيلۇقتىكى شېرىن تەمگە ئېغىز تېگىپ، سېن شېن بىلەن «پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىپ كالا بىلەن تۆگىنى» شاراب ئىچكەن گۈزەل كۆرۈنۈش كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ.
دەل تارىخىي مەدەنىيەت قوغدىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنغاچقا، يېڭى دەۋردە ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر يەنىلا ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ، تۆت چوڭ مەدەنىيلىك ئۇچراشقان جايدىكى ئىلگىرىكى شانلىق نەتىجىلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلالايدۇ، ۋاقىت ۋە بوشلۇق ھالقىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن جانلىق تارىخىي ئەسلىمىلەرنى قالدۇرالايدۇ.
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، قوغداش تېخىمۇ قېلىپلاشتى
«قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشتا ئىلمىي پىلانلاش، قوغداشنى ئاساس قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىپ، تارىخىي قىياپەت ۋە مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ساقلىنىپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.» بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ قەدىمىي شەھەرنى قوغداشتىكى يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
«1982 - يىلى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، قوغداش ئوبيېكتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شەھەر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر ۋە قۇرۇلۇش لايىھەلەش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ نىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرىنى قوغداش قانۇن - نىزام سىستېمىسى ۋە ئاساسىي ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغداش نىزامىنى بىرقەدەر بالدۇر ئېلان قىلىپ يولغا قويغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2002 - يىلى، شىنجاڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش نىزامى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوغداش مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، كوچىسى، ئىمارىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئىلمىي باشقۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ، 2022 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە «شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە كۆپ تارماقنىڭ بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەھەر - يېزىلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق، مۇكەممەل قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، تۈرگە ئايرىلىشى ئىلمىي، قوغدىلىشى كۈچلۈك، باشقۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولغان شەھەر - يېزا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، بوشلۇقنى تولۇق قاپلاش، مۇھىم ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش، پايدىلىنىش <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقتى ھەم مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنى قوغداش بويىچە مەخسۇس باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ قىممەت خاسلىقىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.
«شىنجاڭدا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرى ئاساس قىلىنغان، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتى − تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى − تارىخىي ئىمارەتلەردىن ئىبارەت كۆپ قاتلام - دەرىجىلىك قوغداش سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى.» ۋاڭ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسى، نىزام - تۈزۈملەر سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ، قوغداش خىزمىتى قانۇنچىللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا دۆلەت مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىدىن بەشى، ئاپتونوم رايون مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىدىن ئالتىسى، جۇڭگو مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت بازىرىدىن ئۈچى، ئاپتونوم رايون مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت بازىرىدىن بىرى، جۇڭگو مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كەنتىدىن تۆتى، ئاپتونوم رايون مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كەنتىدىن بىرى، جۇڭگو ئەنئەنىۋى كەنتىدىن 53ى بارلىققا كەلدى.
مىكرو ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كوچىلارنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى
ھەربىر مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى تەڭداشسىز مەشھۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر شەھەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن.
«ئىلگىرى تۇرغۇن ھالىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرەتتۇق، ھازىر جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلىدىغان بولدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باش بىناكارلىق ئۇستىسى، ئالىي ئىنژېنېر فەن شىن مۇنداق قارىدى: مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەسلىمىسى ۋە سالاھىيىتىنىڭ زاپاس ساقلاش ئامبىرى، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش باشتىن - ئاخىر دەۋر بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى كېرەك، جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشتا چوقۇم تارىخنىڭ ئەسلىي چىنلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرت قىلىنىشى كېرەك.
كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنىڭ ئاساسىي كوچىسىدا، ئاق تاملىق، پېشايۋانلىق، ئىشىكلىرىگە رەڭدار نەقىش ئويۇلغان ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى ئادەتتىن تاشقىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. «بۇ جاينىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ئىكەن، ھەم ناھايىتى قويۇق مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە ئىكەن.» گۇاڭشىلىق ساياھەتچى چۇ سەيلى فوتو ئاپپاراتىدا كۆز ئالدىدىكى «مەنزىرە»لەرنى خاتىرىلىۋالدى.
«قۇرۇلۇش شەكلىگە كۈسەننىڭ خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ۋە كۇچانىڭ ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى ئۇسلۇبى يۇغۇرۇلغان. ياغاچتىن ياسالغان ئۆتۈشمە كارىدورلۇق تۆت كونا تۇرالغۇنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن تاماملىغان شىنجاڭ شىنشېڭ باغ - ئورمان مەنزىرە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ليۇ چېن مۇنداق تونۇشتۇردى: باراڭ جازىسى، رېشاتكا، تۇتقۇچ قاتارلىق ئاساسىي ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىگە چىرىشتىن ساقلايدىغان قارىغاي ياغىچى ئىشلەتتۇق، ياغاچ لىم، ياغاچ تۈۋرۈك، لەمپە ئۈستىگە مەركەزداش تۈگۈن، ۋەنزىۋېن، نېلۇپەر گۈلى، شياڭيۈن قاتارلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بەلگىلىرىگە ئىگە نەقىشلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئويدۇق.
ئەسلىدىكى بوشلۇق ئەندىزىسى قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قېلىش، ياخشى قوغداش مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ، ھەممە شەھەر بىر قېلىپتا بولۇش، ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى.
شىنجاڭدىكى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرىنىڭ بەزىلىرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مۇھىم بازار ياكى رايونلارنىڭ سودا، مەدەنىيەت مەركىزى، مەسىلەن، تۇرپان شەھىرى، كۇچا شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، جىمىسار ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى؛ بەزىلىرى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى، مەسىلەن، غۇلجا شەھىرى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى؛ بەزىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆزگىچە پورت سودىسى مەدەنىيىتىگە ئىگە، مەسىلەن، چۆچەك شەھىرى؛ بەزىلىرى تارىخىي شەھەر رايونى ئەندىزىسى جەھەتتە ئىنتايىن خاسلىققا ئىگە، مەسىلەن، سەككىز قىرلىق شەھەر دەپ ئاتالغان تېكەس ناھىيەسى.
ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر خاسلىقى ۋە تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئاڭلىق ئىزدەندى.
كۇچا شەھىرى كونا تۇرالغۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، ئەڭ ئاز دەرىجىدە ئۆزگەرتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي ماتېرىيال، ئەسلىي ھۈنەر - سەنئەت، ئەسلىي شەكىلدىن پايدىلىنىپ تۇرالغۇلارنى رېمونت قىلىپ، قەدىمكى تۇرالغۇلارنىڭ كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلغان ئارىلاشما مەدەنىيەت ئاساسىي رېڭىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قەدىمىي ئۇسلۇب، قەدىمىي تۈسنى قايتا نامايان قىلدى.
باركۆل قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورۇنلىرى ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىش - قوغداشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئەسلىدىكى ئاشلىق ئامبىرى، ئۇن پىششىقلاش زاۋۇتى، يەم - خەشەك سېخى قاتارلىق بىكار تۇرغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، تارىخ مۇزېيى، ئاممىۋى ھۆسنخەت - رەسىم سارىيى، شەھەر - يېزا يىرىك پىلان سارىيى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىق خاس كۆرگەزمە سارايلىرىنى قۇردى.
قاراماي شەھىرى ئەسلىدە بار بولغان ئىمارەتلەرنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، بىكار تۇرغان ۋە تاشلاندۇق سانائەت مىراسلىرىنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە شەھەر تەرەققىياتىنى يېڭىلاشتىكى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، مىراسلارنى قوغداش بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش
2024 - يىلىدىكى باھار بايرىمىدا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 351 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1456 ئاشتى؛ ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 239 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %132.25 ئاشتى.
ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ساياھەتچى سانى «قەشقەرگە كەلمىسىڭىز شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايسىز» دېگەن ئېسىل نامنى چوڭقۇر ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرىنى قوغداش نەتىجىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.
2010 - يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىچكى قىسىمدىكى يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تارىخىي قىياپىتىنى مۇكەممەل ساقلاپ قالدى ۋە نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەدىمىي شەھەرنى تايانچ قىلغان ساياھەت ئىقتىسادىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، نۇر مەمەتنىڭ كىيىم - كېچەك دۇكىنىدا، ئەتلەس كىيىم - كېچەك ۋەكىللىكىدىكى مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەر بىر كۈندە 10 مىڭ يۈەنلىك سېتىلىدۇ؛ سالامەتگۈل ئاچقان «گۈلىنىڭ ئۆيى» ناملىق ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن ئىككىنچى ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ئېچىلدى، ئۈچىنچى ئائىلىۋى مېھمانخانىسى بېزىلىۋاتىدۇ...
مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جانلاندۇرۇلغىنى تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى، قويۇپ بېرىلگىنى ئىستېمال ھاياتىي كۈچى، يېتىلدۈرۈلگىنى تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى.
مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى بولغان كۇچا شەھىرىدىكى رەستە كوچىسىدا دۇكان ئىجارە ئېلىش تەسلەشتى. دۇكانلارنىڭ ئىجارە ھەققى 2023 - يىلىدىكى 3000 يۈەندىن ئۆسۈپ بۇ يىل 20 مىڭ - 25 مىڭ يۈەنگە يەتتى، 200دىن ئارتۇق دۇكاننىڭ ھەممىسى ئىجارە بېرىلدى، تەۋەلىكتىكى بارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىغا قارىتا بىرتۇتاش سودىگەر چاقىرىش، بىرتۇتاش تىجارەت قىلىش يولغا قويۇلدى.
مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى بولغان غۇلجا شەھىرىدىكى ئالتە شوئار كوچىسىنىڭ كۆلىمى 0.7 كىۋادرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، 1420 ئائىلىلىك ئاھالە ۋە 400گە يېقىن تىجارەتچى بار، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىقتىدارلار توپلىنىپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، توردا ئالقىشلانغان داكا نۇقتىسىدىن 32سى بار.
ھازىر، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش جەھەتتە جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇش شەكىللەندى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بىرتۇتاش پىلانلاپ قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ شەھەرلەرنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىدىغان قاتتىق تىرەككە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت بازىرى بولغان كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى زور مىقداردىكى سانائەت مىراسلىرىغا تايىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش، قىممىتىنى قېزىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، «كۆكتوقاي قىزىل ساياھەت مەنزىلى» ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى پائال يارىتىپ، سانائەت مىراسلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش بىلەن قىزىل ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.
مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كەنتى بولغان پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسىنىڭ تۇيۇق كەنتى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق شەھەرنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە قىياپىتىنى تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك مۇزېي قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش مۇستەقىل تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى يەككە قوغداشتىن شەھەرنىڭ تارىخىي بوشلۇقى، تارىخىي مۇھىتى ۋە تەبىئىي مۇھىت قىياپىتىنى بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە قوغداشقا كېڭەيتىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر مۇتەللىپ ئەلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مۇھىم سىياسەت - تۈزۈم، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى، مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر قىياپىتىنى يارىتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك، تەسىرلىك مۇستەھكەملەشكە كۈچ قوشىدۇ.