تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

كۇچا شەھىرىدىكى بۇ كەنت شىلەنخۇادىن مول ھوسۇل ئالدى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سېتىشقا كۈچ قوشتى

    ھازىر، كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى بوز ئېرىق كەنتىدە تېرىلغان 22 چوڭ پارنىكتىكى شىلەنخۇالاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىش، سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى بوز ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پائال ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جىنچياۋ تاللا بازىرى بىلەن زاكاز ئىمزالاپ، كۆكتاتلىققا بېرىپ كۆكتات يىغىپ، دېھقانلارنىڭ شىلەنخۇا سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملەشتى.

   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى بوز ئېرىق كەنتىدە قاتار-قاتار پارنىكلار رەتلىك بولۇپ، پارنىك ئىچىدىكى شىلەنخۇالار ياشىرىپ، ياخشى ئۆسكەنىدى. بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، پۈتۈن كەنتتىكى 22 پارنىكقا ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، بازار ئېھتىياجى يۇقىرى بولغان شىلەنخۇا تېرىلدى، ئالدىنقى مەزگىلدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تېخنىكلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېخنىكا جەھەتتىن دائىملىق يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تېخنىكا جەھەتتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى. شىلەنخۇانىڭ پىشىپ ھوسۇل بېرىشىگە ئەگىشىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارمۇ ئالدىنئالا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جىنچياۋ تاللا بازىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 22 پارنىكقا تېرىلغان شىلەنخۇانىڭ ھەممىسىنى جىنچياۋ تاللا بازىرىغا سېتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى پايدىغا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

(كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لۇڭجياڭ، بۇ دېڭپېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جيايۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.