تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چاي ئىچىش سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق، بۇ چايلار بىلەن تونۇشۇۋېلىڭ

    چاي سۇدىن باشقا يەر شارى بويىچە ئەڭ ئومۇملاشقان ئىچىملىك. دۆلىتىمىزدە چاي دۆلەت ئىچىملىكى ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشى چاينى ياخشى كۆرىدۇ، چايسىز بىر كۈننى ئۆتكۈزەلمەيدۇ. بولۇپمۇ، يازدا چاي ئىچىش ئارقىلىق ھەم ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەم ياغنى پارچىلىغىلى بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر تاماقتىن كېيىن بىر نەچچە پىيالە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.
    ئۇنداقتا، سىز ھەر كۈنى چاي ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

چاي ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟

1

Ⅱ تىپلىق دىئابېت كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

   22 تۈرلۈك ئىختىيارىي سېلىشتۇرما (RCT) تەتقىقاتى ۋە 17 تۈرلۈك RCT تەتقىقاتىغا كىرگۈزۈلگەن ئىككى چوڭ meta تەھلىلى (تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يېقىنلىشىدۇ)دە بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: دىيابېت كېسىلى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر چاي ئىچسە، قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنى ياخشىلايدۇ؛ دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى چاي ئىچسە ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرى ۋە شېكەرلەشكەن قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. 

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاي ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان بۇ خىل پايدىسىدا ئىرقىي پەرق يوق. ئامېرىكىدىكى 45 ياشتىن چوڭ ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان 38 مىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئايالنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8.8 يىل زىيارەت قىلغان تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، چاي ئىچمەيدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى تۆت ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ چاي ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %30 تۆۋەن بولغان.

   جۇڭگودىكى 480 مىڭ ياشانغان كىشىنى 11 يىل زىيارەت قىلىش تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئەزەلدىن چاي ئىچىپ باقمىغان قاتناشقۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، كۈندە چاي ئىچكۈچىلەرنىڭ  تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %8 تۆۋەن بولغان.

2

سەكتە خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

    82 مىڭ 369 نەپەر ياپونىيەلىك ئەر ۋە ئايالنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 يىل زىيارەت قىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 3 ~2 ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپى %14، ھەر كۈنى تۆت ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپى %20 تۆۋەن بولغان.
   يېشىل چاي ئىچىشنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، يېشىل چاي تەركىبىدىكى كاتېخون ئوكسىدلىنىشقا، ياللۇغلىنىشقا، كۆپىيىشكە، قان نوكچىسى شەكىللىنىشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل مېخانىزم ئارقىلىق قان تومۇرلارنى قوغدايدۇ.

3
يۇقىرى قان بېسىم خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ

    جۇڭگودىكى قۇرامىغا يەتكەن 76 مىڭ ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چاي ئىچىش يۇقىرى قان بېسىم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېشىل چاي ئىچىش يۇقىرى قان بېسىم خەۋپىنى %6 تۆۋەنلىتىدىكەن، ھەر كۈنى ئىچمىسىمۇ، ھەر قېتىملىق ئىچىش مىقدارى ئاز بولسىمۇ، پەقەت داۋاملىق، ئۇزاق مۇددەت ئىچسىلا، يۇقىرى قان بېسىم خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

    مېخانىزم ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن: يېشىل چاي تەركىبىدىكى كاتېخون ئازوت (Ⅱ) ئوكسىدنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئازوت (Ⅱ) ئوكسىد قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە؛ بۇنىڭدىن باشقا، كاتېخون يەنە ئانگىئوتېنسىن فېرمېنتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلەيدۇ، بۇ خىل فېرمېنت تىزگىنلەنگەندىن كېيىن قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان سىغىمى ئازىيىپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

     قىزىل چاي ئىچكەندە يۇقىرى قان بېسىم خەۋپىنى %26 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قىزىل چاي ئىچكەندە قىسقىراش بېسىمى ۋە كېڭىيىش بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق ئىككى خىل چۈشەنچە بار: بىرىنچىسى، قىزىل چاي تەركىبىدە چاي قىزىل پىگمېنتى، چاي سېرىق پىگمېنتى مول بولۇپ، قان تومۇر ئىچكى تېرىسىنى ئەركىن رادىكاللارنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلاپ، قان تومۇرنى سىلىق ۋە ئېلاستىكلىققا ئىگە قىلىپ، قان بېسىمىنى كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئىككىنچىسى، كالتسىي يولىنى توسقۇچى دورا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان دورا بولۇپ، قىزىل چاي تەركىبىدىكى ھەر خىل تەركىبلەر كالتسىي يولىنى توسقۇچى دورىغا ئوخشاش رول ئوينايدۇ.

4
ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ

    2022-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئىچكى كېسەللىكلەر مېدىتسىنا يىلنامىسى»دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، 40 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان 500 مىڭ چاي ئىچكۈچى تەخمىنەن 11 يىل زىيارەت قىلىنغان، نەتىجىدە ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ چاي ئىچكەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش خەۋپى چاي ئىچمەيدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن %9 تىن %13كىچە تۆۋەن بولىدىغانلىقى بايقالغان.

چاينىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسىنى

قانداق قىلغاندا ئەڭ چوڭ چەكتە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

    ھەر كۈنى چاي ئىچىدىغان سىز چاي ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە بۇنچە كۆپ پايدىسى بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغانسىز! تۆۋەندە بىز ئەڭ زور ساغلاملىق ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چاينى قانداق ساقلاش، قانداق ئىچىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقايلى.

1
چاينى ھىم ئېتىپ، كۈن نۇرىدىن ساقلىنىدىغان، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش

   چاي نەملىكنى ئاسان سۈمۈرىدۇ ھەم ئاسانلا تەمى ئۆتۈشۈپ قالىدۇ، چاي ئىچكەندە «يېڭى» تېئامىن ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان چاي پولىفېنولىمۇ ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، شۇڭا چاينى ھىم ئېتىپ، كۈن نۇرىدىن ساقلىنىدىغان، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش كېرەك، قىسقا ۋاقىت ئىچمىگەن چاينى يەنە ۋاكۇئۇملاشتۇرغاندىن كېيىن توڭلىتىپ قويۇشقا بولىدۇ.

2

دەملەش تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇش

    ئادەتتە يېشىل چاينى 80 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى سۇدا دەملەش، قىزىل چاي بىلەن ۋۇلۇڭ چېيىنى قايناق سۇدا دەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا كوففېئىن، چاي پولىفېنولى، چاي ئاممىياك كىسلاتاسى قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ، دەملەنگەن چاي تېخىمۇ ئىچىشلىك بولىدۇ.

3
چاينى سوۋۇتۇپ ئاندىن ئىچىش

    چاۋشەن رايونىدا گۇمپا چېيىنى قىزىق ۋاقتىدا ئىسسىقىدا ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، لېكىن بۇنداق بولۇشنى تەۋسىيە قىلمايمەن، چۈنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزىلۆڭگەچنى زەخىملەندۈرۈپ، قىزىلۆڭگەچ راكى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارىمىقىدىكى خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئاپپاراتى (IARC)نىڭ قارىشىچە، تېمپېراتۇرىسى 65 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن ئىسسىق ئىچىملىكنى ئىچكەندە راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا قايناق سۇدا دەملەنگەن چاينى ئېغىز كۆيدۈرمىگۈدەك بولغان ۋاقىتتا ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

4
سۇس چاينى كۆپ ئىچىش، قېنىق چاينى ئاز ئىچىش

    قېنىق چاي تەركىبىدە تېخىمۇ كۆپ كوففېئىن بولۇپ، ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىش، ئاشقازان كۆيۈش، يۈرەك سىقىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈشتىن كېيىن ياكى كەچتە ئىچسە ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا ئاز ئىچىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قېنىق چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى بارلار ئەڭ ياخشىسى ئىچمەسلىكى كېرەك.

    بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان سىز چاي ئىچىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ، چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان سىز چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ؟ تۆۋەندە سىزگە شىنجاڭنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل چېيىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي:

بۇ شىنجاڭ چايلىرى بىلەن تونۇشۇۋېلىڭ

خوتەن دورىلىق چېيى. سۈرەتنى شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى تەمىنلىگەن

خوتەن دورىلىق چېيى

خوتەن دورىلىق چېيى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ياشايدىغان ئامما قۇرغاق كىلىماتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان چاي بولۇپ، ئاساسلىقى قەلەمپۇر، ئالقات، زەنجىۋىل، چېنپى، قىزىلگۈل، پىننە، بابۇنە قاتارلىق 17 خىل ئۆسۈملۈك پەسىلگە قاراپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەڭشەپ ئىشلىنىدۇ. ھازىر 20 نەچچە خىل رېتسېپى بار.

تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىگە ئاساسەن، خوتەن دورىلىق چېيىنىڭ تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، تاماق سىڭدۈرۈش، سوغۇقنى ھەيدەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بارلىقى ئېنىقلاندى. 2021- يىلى خوتەن دورىلىق چېيى ئىشلەش ماھارىتى 5- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ياۋا ئاق سۆگەت غۇنچىسى. سۈرەت\ «شىخو نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

موڭغۇل مىللىتىنىڭ بۇلاڭ باڭبۇ چېيى

شىنجاڭ شىخو شەھىرىنىڭ دەريا بويىدا ئۆسكەن ياۋا ئاق سۆگەتنىڭ بىر خىل قىممەتلىك چاي خام ئەشياسى ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىسۇن، كىشىلەر ئاق سۆگەت غۇنچىسىنى سايىدە قۇرۇتۇپ خۇش پۇرىقىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. دەملەنگەن چاينىڭ تەمى سەل قىرتاق بولسىمۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. ياۋا ئاق سۆگەت غۇنچىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىرقەدەر ئاز، شۇڭا بۇلاڭ باڭبو چېيىمۇ قىممەتلىك چاي دەپ قارىلىدۇ. ئۇنى ئىشلەش ماھارىتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

قازاق مىللىتىنىڭ سۈت چېيى ( ئەتكەن چاي). سۈرەت \ «تېكەس نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

قازاق مىللىتىنىڭ سۈت چېيى (ئەتكەن چاي)

شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدا ياشايدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى سەھەردە بىر قاچا سۈت چاي بىلەن بىر كۈننى كۈتۈۋالىدۇ. ئاياللار قارا چاينى پارچىلاپ قازانغا سېلىپ، ئاندىن سۇ، يېڭى سۈت ۋە تۇز سالىدۇ. چۆمۈچ بىلەن تولۇق سىڭىشىپ كەتكىچە ئارىلاشتۇرىدۇ، سۈت چاي چارۋىچىلارغا نىسبەتەن ئاچلىقنى بېسىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، بەدىنىنى ئىسسىتىشتا كەم بولسا بولمايدۇ. بىر چەينەك ئىسسىق سۈت چاي، بىر نەچچە تال بوغۇرساق سەپەردىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھ، سۈت چاي قىلىشقا قارا چاي، شۇنداقلا قىزىل چاي ئىشلىتىلسىمۇ بولىدۇ، ھەممىسى خۇنەن، شەنشى، ئەنخۇي، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن.

لوپنۇر كەندىرى چېيى. سۈرەت \ «لوپنۇر نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

لوپنۇر كەندىرى چېيى

شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ بىپايان چۆللۈكىدە ھەممە يېرى دورا قىلىنىدىغان بىر خىل ياۋا ئۆسۈملۈك بار: ئۇ بولسىمۇ لوپنۇر كەندىرى. كىشىلەرنىڭ لوپنۇر كەندىرىنى ئىشلەتكىنىگە ئۇزاق بولغان بولۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تېببىي كىتابلاردا لوپنۇر كەندىرى چېيى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر بار. چاي ئىشلىگۈچىلەر يوپۇرماق تاللاش، يۇمشىتىش، شورنى يوقىتىش، ئاپتاپقا سېلىش، كۆكىنى يوقىتىش، يىمىرىش، قورۇپ قۇرۇتۇش، قاقلاپ قۇرۇتۇش تەرتىپى ئارقىلىق ئاندىن ساقلىغىلى بولىدىغان لوپنۇر كەندىرى چېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. لوپنۇر كەندىرى چېيى سەل سوغۇق، تەمى قىرتاق، شۇڭا ئىسسىقنى قايتۇرۇش، جىگەرنى تىنچلاندۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. لوپنۇر كەندىرى چېيىنىڭ تەمىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن كىشىلەر يەنە دەملىگەندە ھەسەل قوشىدۇ.

خوتەن قىزىلگۈل چېيى. سۈرەتنى كېرىيە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

خوتەن قىزىلگۈل چېيى

خوتەن قىزىلگۈلى كوئېنلۇن تېغى باغرىدا ئۆسىدۇ، قار سۈيىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى ۋە يېتەرلىك كۈن نۇرىدىن بەھرىلىنىپ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، سۈپىتى ئېسىل، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرى خوتەن قىزىلگۈلىنى ئۈزۈش پەسلى. خوتەن قىزلىرى قىزىلگۈلنى قولىدا ئۈزۈپ ئەڭ زور دەرىجىدە گۈل ۋە غۇنچىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئايرىپ، يۇيۇپ، ئاپتاپقا سېلىپ، قاقلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىنكى قىزىلگۈلنى ئىسسىق سۇدا دەملىگەندىن كېيىن خۇش پۇراق تەمگە كىرىدۇ. قان تولۇقلاش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بولغانلىقتىن ئاياللارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

قار جۈخارگۈل چېيى. ئانات بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

قار جۈخارگۈل چېيى

قار جۈخارگۈلى ئەسلىدە ئېگىز ھەم سوغۇق جايدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىز بولغان ئېگىزلىك رايونىدا ئۆسىدۇ، ھازىر شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايىدا ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئاران ئىككى ئاي، مەھسۇلات مىقدارى بىرقەدەر ئاز، ئەمما ناھايىتى يۇقىرى ساقلىقنى ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. تەركىبىدە فىلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار، مىنېرال ئېلېمېنتلار، ئامىنو كىسلاتاسى، پولىساخارىد قاتارلىق ماددىلار مول، قار جۈخارگۈلى چېيىنىڭ جىگەرنى ئاسراش، ماينى تۆۋەنلىتىش، كۆز چارچاشقا قارشى تۇرۇش، تەن ساپاسىنى ياخشىلاش رولى بار.

باباۋ چېيى

باباۋ چېيىغا يېشىل چاي، قىزىل چايدىن باشقا، يەنە ئەتىرگۈل، ئالقات، گۇييۇەن، ئۆرۈك قېقى، قۇرۇق ئۈزۈم، چىلان، ياڭاق مېغىزى قاتارلىقلار قوشۇلىدۇ، بۇنداق بىر ئىستاكان چاي ئىچسە تەمى خۇش پۇراق، تاتلىق ھەم يۇتقۇنچاقنى تازىلاپ ئۆپكىنى نەمدەيدۇ. بولۇپمۇ، گۆشلۈك تاماق يېگەندىن كېيىن، باباۋ چېيى ئىچكەندە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارامبەخش ئېتىدۇ، شىنجاڭنىڭ باباۋ چېيىنى دەملىگەندە قايناق سۇ ئىشلىتىلىدۇ ھەم سېرىق ناۋات قوشۇلىدۇ. قايناق سۇ چاي ۋە قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ ئۆز پۇرىقىنى تولۇق قويۇپ بېرىدۇ، سېرىق ناۋات تاتلىق تەمى بىلەن چاينىڭ تەمىنى ياخشىلايدۇ. 

«تىيانشان تورى»دىن ئومۇملاشتۇرۇلغان خەۋەر

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.