تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

3865.7 كىلومېتىر! پەيزاۋات ناھىيەسى «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

    «ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئاسراش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش». ئون يىلدىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، ناھىيە بويىچە يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 3865.7 كىلومېتىرغا يەتتى، يېزا تاشيولى پۇقرالارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بېيىش يولى، بەخت يولى، قەلبداشلىق يولى، گۈللىنىش يولىغا ئايلاندى.

    پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 2024-يىللىق يېزا-كەنت كەسىپلىرى يولى قۇرۇلۇشى تۈرىدە جەمئىي سەككىز قۇرۇلۇش بۆلىكى بار، جەمئىي 53 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 70.66 كىلومېتىر بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ توققۇز يېزا-بازىرىدىكى 17 كەنتكە مۇناسىۋەتلىك، تۈر پۈتكەندىن كېيىن يول بويىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.

    يېزا يولىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى 383.6 كىلومېتىر ناھىيە يولى، 944.2 كىلومېتىر يېزا يولى، 2537.9 كىلومېتىر كەنت يولىنىڭ ھەممىسىگە «يول باشلىقى» تەسىس قىلدى، 1254 كىشىلىك دائىملىق يول ئاسراش ئەترىتى تەشكىللىدى.
(پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى جاڭ دوچىڭ، نەبىجان غەيرەت)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.