تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

مېۋە-چېۋىلەرنى سېتىش قولايسىز بولۇۋاتامدۇ؟ ئۇلار كەنتتە سودا بازىرى قۇردى

     پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى يۇقىرى گال كەنتىدىكى باغۋەن تۇراخۇن راخمان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ، بېغىدىن يېڭىلا ئۈزگەن ئۆرۈكلەرنى لىق بېسىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىچىك تىپتىكى سودا بازىرىغا كەلدى.
    ئىلگىرى ئۆرۈكنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن، تۇراخۇن راخمان ئاپتوموبىل ھەيدەپ ناھىيەگە باراتتى، ۋاقتى، كۈچى ئىسراپ بولاتتى، ناھايىتى قولايسىز ئىدى. ھازىر، ئىشىك ئالدىدىكى كىچىك سودا بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇ پەقەت بەش مىنۇتتىلا بازارغا يېتىپ بارالايدىغان بولدى. بۇ قولايلىق سودا سۇپىسىنىڭ پايدىسىدا، تۇراخۇن راخمان بىر توكسىكلىت ئۆرۈكنى يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پاك-پاكىز سېتىپ بولدى.

    تۇراخۇن راخمان ئائىلىسىنىڭ ئالتە مو ئۆرۈكلۈك بېغى ۋە تۆت مو شىنمېيلىك، شاپتۇللۇق بېغى بار، تۇراخۇن راخمان كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ۋە ئىلمىي پەرۋىش قىلىشقا تايىنىپ، ھەر يىلى مېۋىلىك بېغىدىن 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. «بۇ كىچىك بازار تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئەتراپتىكى نۇرغۇن كەنتتىكى باغۋەنلەرمۇ داڭقىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلدى، مەن كىچىك بازار ئارقىلىق 4000 يۈەنلىك ئۆرۈكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىپ چىقاردىم.» تۇراخۇن راخماننىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى.

    جامباز يېزىسىدا ھەر قېتىمقى مېۋە-چېۋە پىشىش مەزگىلىدە، كەنت ئاھالىلىرى كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يايما يېيىپ، ئۆزلىرى تېرىپ ئۆستۈرگەن ئۆرۈك، شىنمېي، پەيزاۋات قوغۇنى قاتارلىقلارنى ساتىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى سېتىش شەكلى كەنت ئاھالىلىرىگە كىرىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىش ئەھۋالى بارغانسېرى گەۋدىلەنگەنىدى. بۇ ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن، جامباز يېزىسى گال كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدەندى.
    چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تولۇق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئالدىدىكى مەيداندا بىر كىچىك تىپتىكى سودا بازىرى قۇرۇش قارار قىلىندى، بۇ بازار يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى بىخەتەر، قېلىپلاشقان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. بازاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، باھاسى مۇۋاپىق بولۇپ، ھەر كۈنى مۇشۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى 100دىن ئارتۇق تېرىقچىلىق ئائىلىسى ۋە سودىگەرنى كېلىپ سودىلىشىشقا جەلپ قىلدى.

    شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى گال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى خې شىنشې مۇنداق بىلدۈردى: «نۆۋەتتە كەنتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى، بولۇپمۇ ئۆرۈك سودىسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، كۈنىگە 20 توننىدىن 30 توننىغىچە يەتتى، سودا سوممىسى 180 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. سودا بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كەنت ئاھالىلىرىنى ئادىل رىقابەتلىشىدىغان سودا سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى بازارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىش، ئەڭ مۇۋاپىق سېتىش يولى ۋە باھانى ئۆز ئالدىغا تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى». 

    يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مېۋە-چېۋە توپ سېتىش سودىگىرى ئالىم ياسىن مۇنداق دېدى: «جامباز يېزىسىدا يېڭىدىن بىر مېۋە-چېۋە سودا بازىرى قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، تاقەتسىزلىك ئىچىدە يېتىپ كەلدىم. بۇ يەردە ئۆرۈكنىڭ سورتى مول، ھەر خىل ئۆلچەمدىكى ئۆرۈكلەرنىڭ ھەممىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ ئەرزان، بىزدەك توپ سېتىش سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ».

    ئىگىلىنىشىچە، جامباز يېزىسى گال كەنتىدىكى كىچىك تىپتىكى سودا بازىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئەندىزىسىنى يېڭىلاشنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ ئۆرۈك، شىنمېي، پەيزاۋات قوغۇنى، كۆكتات قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېز ئوبوروت قىلىنغان، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلغان.

 (پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى پەخرىنۇر تۇرسۇن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.