تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى جانلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ بايرام كۈنىدىكى بازارلىرىدا تاۋارلار مول، مال مەنبەسى يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولغان. سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچىگەن 94 پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كارخانىسى ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش سوممىسى 145 مىليون 441 مىڭ يۈەن بولۇپ، كۆپ خىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولغان.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %33.76 ئاشقان، ئاشلىق، ياغ، يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %18.65 ئاشقان، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمى تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %11.04 ئاشقان، ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %6.9 ئاشقان، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەم ئۈن - سىن ئۈسكۈنىلىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %5.39 ئاشقان.

سودا مىنىستىرلىقى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سۇپىسىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتى يېتەرلىك، تاۋار تۈرلىرى مول، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار تاۋارلارنى سېتىشنى تېزلىتىش، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، يېمەك - ئىچمەك، مەززىلىك تائاملار، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىستىراھەت قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاتتى. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئائىلە بۇيۇملىرى مەيدانلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا سارايلار، ئاپتوموبىل ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش كارخانىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كۆرگەزمىسى» «ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بايرىمى» «14 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ دۇەنۋۇ خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى» قاتارلىق باش تېمىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «گۈزەل سەپەر . سانجى <ماي> سوۋغاتلىقى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «2024 - يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس كۈنى ھەم 3 - نۆۋەتلىك ئاق ئۆرۈك مەدەنىيەت بايرىمى پائالىيىتى» «17 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ باغراش كۆلى كۆل ئېچىش پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى» قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى؛ قاراماي شەھىرى «سۇ ئۈستىدىكى كاتتا مەرىكە كەچلىك بازىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «قىزىقارلىق جياڭخۇ» «ئومۇمىي خەلق 618لىق خۇشال - خۇرام مال سېتىۋېلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى «مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش»، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى يەرمەنكىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلار 120 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى 30 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتوموبىل تۈرىدىكىلەردە 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىش سوممىسى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدىكىلەردە 12 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىش سوممىسى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمال بازىرىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بايرامدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «2024 - يىللىق دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بازارنى كۆزىتىپ ئۆلچەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى سودا تارماقلىرىدىن بايراملىق ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىغا چىڭ قادىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ۋە ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بويىچە كۈندىلىك مەلۇم قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە بازاردىكى بىنورمال داۋالغۇشنى تولۇق دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بايراملىق ئىستېمال بازىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يەنە دىققەتنى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، شەھەر ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىق نۇقتىلىق سودا ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم سانجى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، «بىر جايغا بىر تەدبىر» بويىچە يار - يۆلەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.