تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقان پويىز، ئىللىقلىققا تولغان بازار

− شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئاستا پويىزى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يۇرتداشلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

«ھۆرمەتلىك يولۇچىلار، خوتەن ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا قاتنايدىغان 7558 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرۇشىڭلارنى قارشى ئالىمىز...» باش ياز مەزگىلىدە، بىر پويىز خوتەن ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغالدى، ۋاگون ئىچىدە لەرزان مۇزىكا ۋە پويىز باشلىقىنىڭ رادىيودىكى يېقىملىق سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرە شەھەر، كەنت، قۇملۇق، چۆللۈكلەردىن ئۆتۈش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

1960 كىلومېتىر، 32 سائەت 49 مىنۇت، تۆت يۈەنلىك ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى.

ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن خوتەن شەھىرىنىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىدە، ھەر كۈنى بىر - بىرىگە قارشى يۆنىلىشتە يۈرىدىغان 7556/7557، 7558/7555 قېتىملىق پويىز ئىككى جاي ئارىسىدا قاتنايدۇ. بۇ يېشىل رەڭلىك پويىز نۆۋەتتە شىنجاڭدا يۈرۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن پويىز بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى ئامما ئۇنى «ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئاستا پويىزى» دەپ ئاتايدۇ.

ئاستا بولۇش، ئۇنىڭ سۈرئىتى؛ ئىللىق بولۇش، ئۇنىڭ ھارارىتى.

ئاستا پويىز خوتەنگە يېتىپ كەلدى

«بۇ پويىزدا خوتەن ۋوگزالىدىن قاراقاش ۋوگزالىغا بېرىشقا تۆت يۈەنلا كېتىدۇ، پۈتۈن مۇساپىدە جەمئىي 23 ۋوگزالدا توختايدۇ، ھەر مىللەت ئامما پويىزدا ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ساتسا بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى 7558 قېتىملىق پويىزنىڭ پويىز باشلىقى بولاتقان.

بۇ پويىز 2012 - يىلى 6 - ئايدا قاتنىغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى يۈرۈش ئارىلىقى قەشقەر ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى ۋوگزالىغىچە ئىدى. 2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 7556/7557 قېتىملىق پويىزنىڭ باش بېكىتى قەشقەر ۋوگزالىدىن خوتەن ۋوگزالىغا ئۇزارتىلدى، بولاتقان بۇ پويىزنىڭ پويىز باشلىقى بولدى.

قاراقاش ۋوگزالىدا ئۈچ مىنۇت، كۇنيۈ ۋوگزالىدا تۆت مىنۇت، گۇما ۋوگزالىدا سەككىز مىنۇت، قاغىلىق ۋوگزالىدا 16 مىنۇت توختايدۇ... بۇ پويىزدا يەتتە يىلدىن ئارتۇق نۆۋەتچىلىك قىلغان بولاتقان ھەربىر ۋوگزالغا كىرىش ۋاقتى، توختاش ۋاقتىنى پىششىق بىلىدۇ.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ سېغىزكۆل يېزىسى سېغىزكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق خەيرىنسا ئابلەت بۇ پويىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدە ئۇ شاختىن يېڭىلا ئۈزگەن ئۆرۈكلىرىنى پويىزغا ئېلىپ چىقىپ ساتىدۇ.

ئاستا پويىزغا ئولتۇرۇپ، دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، يەنە پويىزدىكى بازارنى ئايلىنىش بىر خىل ئۆزگىچە ھېس قىلىشتۇر. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇيۈەن شەھىرىدىن كەلگەن يولۇچى جاڭ كېجۇڭ بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۇ ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان 7556 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇردى، شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ئۇ بۇ پويىزنى مەخسۇس تاللىدى: «مەن شىنجاڭدا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ئوينىدىم، بىر ئاستا پويىزنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئالايىتەن كەلدىم».

32 سائەت 49 مىنۇتلۇق ئۇزاققا سوزۇلغان مۇساپە ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى. يول بويى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندىكى يولۇچىلار توختىماي ئالماشتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قىرغىز مىللىتى؛ ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، يەنە سىرتقا چىقىپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى. جاڭ كېجۇڭ يېنىدا ئولتۇرغان يولۇچىلار بىلەن يول بويى پاراڭلىشىپ، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى ئىگىلىدى. «بۇ قېتىمقى ئاستا پويىز يول بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش تەننەرخىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە ماڭا ئوخشاش ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاددىي - ساددىلىقى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى جاڭ كېجۇڭ.

پويىزدا بازار تەسىس قىلىندى

«پويىزدا بازار تەسىس قىلىش ئويىغا كېلىشىمگە بىر دېھقان سەۋەب بولغان.» پويىزدىكى بازارنى تىلغا ئالغاندا، بولاتقان ئەسلىمە قاينىمىغا چۆمدى.

2020 - يىلىنىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى، پويىزدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بولاتقان بىرنەچچە تاغار ئېلىۋالغان ياشانغان بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ قالدى.

«نېمانچە كۆپ نەرسە ئېلىۋالدىڭىز؟» دەپ سورىدى بولاتقان.

«ئائىلىمىز ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئالدۇق، ئەمما كەنتكە ياڭاق سېتىۋالغىلى كېلىدىغان سودىگەرلەر ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاڭلىسام قەشقەر ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە نۇرغۇن بازار بار ئىكەن، مەن بۇ ياڭاقلىرىمنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ ساتماقچى بولۇۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەردى ياشانغان كىشى.

پويىز قەشقەر ۋوگزالىغا كەلگەندە، ياشانغان كىشى پويىزدىن چۈشتى، ئۇنىڭ سۆزلىرى بولاتقاننىڭ كاللىسىدىن ئۇزاققىچە كەتمىدى. «كەنت ئاھالىلىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ بازارغا بېرىۋاتقان يەردە، بىز نېمە ئۈچۈن پويىزدا بىر بازار تەسىس قىلمايمىز؟» بولاتقان پويىزدىكى ھەر يەر - ھەر يەردىن كەلگەن يولۇچىلارغا قاراپ مۇشۇنداق بىر ئويغا كەلدى.

بولاتقان بۇ ئويىنى شۇ پويىزدىكى بىرنەچچە پويىز خادىمىغا ئېيتىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. چۈنكى پويىزدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇلار بۇ ياشانغان كىشىگە ئوخشاش بازارغا بارىدىغان نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى ئۇچرىتاتتى. «كۆپچىلىك ئەگەر ئۇلارنىڭ پويىزدا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم قىلالىساق، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدۇ، دەپ قارىدى» دېدى 7558 قېتىملىق پويىزنىڭ پويىز خادىمى ماھىرە سەمەت.

ئۇ چاغلار دەل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىش نىشانى ئىدى. ناھايىتى تېزلا، بولاتقان جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى رەھبەرلىرىگە ئۆزىنىڭ ئويىنى دوكلات قىلىپ، 7556/7557، 7558/7555 قېتىملىق پويىزدا بازار تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پويىزدا مەھسۇلات سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدى. ئۇنىڭ ئويى ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، 2020 - يىلى 7 - ئايدا پويىزدىكى بازار ئېچىلدى.

ئەمدىلا تىجارەت باشلىغاندا پويىزدىكى بازارنىڭ تىجارىتى ياخشى بولمىدى. پۈتۈن پويىزنىڭ 16 ۋاگونىدا پەقەت ئىككى - ئۈچ كەنت ئاھالىسى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يوشۇرۇن تونۇشتۇرۇپ ساتاتتى، ئۇلار پويىز خىزمەتچىلىرى ياكى پويىز ساقچىسىنى كۆرسىلا دەرھال مەھسۇلاتلىرىنى يىغىشتۇراتتى.

بولاتقان ئۇلارنىڭ بۇ خىل سېتىش ئۇسۇلىغا تېخى كۆنەلمىگەنلىكىنى بىلىپ، پويىز باشلىقى رادىيوسىدىن پايدىلىنىپ پويىزدىكى بازارنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى.

تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ پويىزدىكى بازارغا بېرىشى ئۈچۈن، بولاتقان ماھىرەنى ئېلىپ، دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يول بويى زىيارەت قىلدى، يەكەندىن پوسكامغىچە، قاغىلىقتىن چىراغىچە، شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بارلىقىنى ئاڭلىسىلا، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەكلىپ قىلدى.

بارا - بارا پويىزدىكى بازاردا كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، تاۋارلار بارغانسېرى موللاشتى، دەسلەپكى ياڭاق، چىلان، بادامدىن ئىبارەت «كونا ئۈچ تۈر»دىن خوتەننىڭ قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، قاراقاشنىڭ چىلىنى، گۇمىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى، يەكەننىڭ گىلاسى، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈر مۇرابباسى قاتارلىقلارغا كېڭەيدى... بۇ ئاستا پويىز بىردە توختاپ، بىردە ماڭاتتى، كەنت ئاھالىلىرى يول بويىدىكى بارغانسېرى كۆپ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى پويىزغا ئېلىپ چىقىپ، ۋىيشىن ھېساباتىدىكى قالدۇق سومما ۋە ھەميېنىدىكى نەق پۇلغا ئالماشتۇردى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پويىزدىكى بازار 2020 - يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، تور ۋە تور سىرتىدا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنلىكتىن ئارتۇق سېتىلغان.

«پويىزدا يولۇچى كۆپ، نەرسىلەر ياخشى سېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يايما ھەققى ئېلىنمايدۇ. بۇ ئاستا پويىز بىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان تېز پويىز» دېدى چىرا ناھىيەسى بوستان يېزىسى ئاقا يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتياسىن ئازى.

بازار مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسى يەنە ئۆستى

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 13تىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە، 7558 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز قاغىلىق ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، 12 - ۋاگوندا شوخ مىللەتلەر مۇزىكىسى ياڭرىدى، مىللىيچە كىيىنگەن پويىز خىزمەتچىلىرى يولۇچىلار بىلەن ۋاگوندا ئۇسسۇلغا چۈشتى. ۋاگونمۇ كۆڭۈل قويۇپ بېزىلگەن بولۇپ، پويىز دېرىزىسىگە «پويىزدىكى بازار، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان دېرىزە گۈللىرى چاپلىنىپ، بەخت دېگەن خەت يېزىلغان لاخۇا تارتىلغانىدى، پويىزدىكى بازارغا ماڭغان كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ، يولۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ سېتىۋاتاتتى.

«بۈگۈنكى پويىزدىكى بازاردا گۇما ناھىيەسى كىلىياڭ يېزىسىنىڭ شۆجۈسى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئەنجۈر مۇرابباسى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ گىلاسى بار، ئېھتىياجى بارلار سۆز قالدۇرساڭلار بولىدۇ...» 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ماھىرە پويىزدا قىسقا سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار بەس - بەستە سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىپ، پويىزدىكى بازارنى ئالقىشلىدى.

پويىزدىكى بازار تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى: ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئېچىلدى، قىسقا سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىندى...

ئۈرۈمچى تۆمۈريول گۇڭئەن ئىدارىسى كورلا گۇڭئەن باشقارمىسىنىڭ پويىز ساقچىلىرىمۇ پويىزدىكى بازارغا قوشۇلدى. پويىز ساقچىسى دىليار فېردۇن 90 - يىللاردا تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ 7558 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولدى، پويىزدىكى بازارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى.

«ھازىر ھەر قېتىم پويىزدىكى بازار ئېچىلغاندا، پويىز تەرتىپىنى ياخشى قوغداش بىلەن بىللە، يېنىمدا پارچە پۇل تەييارلاپ، كۆچمە چىقىم قىلىشنى بىلمەيدىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مال سېتىۋالغاندا پارچە پۇل ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىمەن» دېدى دىليار.

«بۇنىڭدىن كېيىن بىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پويىزدىكى بازار ئارقىلىق ھەر يەر - ھەر يەردىن كەلگەن يولۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى خوتەن 2 - ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جەنخۇڭ.

«ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئاستا پويىزىنىڭ قاتنىشى يولۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە سەپىرىگە خۇشاللىق بېغىشلىدى. يولۇچىلار پويىزىنىڭ سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۆمۈريول تارماقلىرى تۆۋەن بېلەت باھاسى، تۆۋەن سۈرئەت، كۆپ ۋوگزال - نۇقتا شەكلىدە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئاستا پويىزىنى يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى ھەم پويىزدا بازار ئېچىپ، بىر خىل ئىللىقلىقنى يەتكۈزۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق تۇرمۇشىغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقنى يەتكۈزدى» دېدى شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى ماشىنا - ئېلېكتىر تېخنىكىسى كەسپىنىڭ مەسئۇلى ئاسىيەم شەۋكەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.