تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە 14 كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

   ئانار بۇلۇت ╲ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى  

   بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تور سىرتىدىكى ئەمەلىي كۆرگەزمە ئاساس قىلىنىپ، توردىكى كۆرگەزمە ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ساراي ئىچى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر، جەمئىي 14 كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنغان، ساراي سىرتى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر. كۆرگەزمىدە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى كۆرگەزمە رايونى، خەلقئارا كۆرگەزمە رايونى، خاس كەسىپلەر كۆرگەزمە رايونى ۋە مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر دۆلەت سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونىدىكى كارخانىلار سارىيى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلار سارىيى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، خاس كەسىپلەر كۆرگەزمە رايونىدا ئېنېرگىيە ھەم جابدۇق ياسىمىچىلىقى، رەقەملىك تېخنىكا، مەدەنىيەت-ساياھەت، ئاشلىق-ياغ، يېشىل، ئورگانىك مېۋە-كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىق بۆلەكلەر تەسىس قىلىنغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.