تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بۇ يىل تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ

يول بويىدىكى ئەسلىھەلەر تېخىمۇ تولۇق، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە كەسىپ ھالىتى تېخىمۇ مول

مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بۇ يىل تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

قار ئېتىشىپ ئويناش، قارلىقتا تاۋۇز يېيىش... 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ قاشلىغىن داۋىنىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى تاڭ چۈن ۋە ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ئېلىپ كەلگەن ياز كۈنلىرىدىكى خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى.

تاڭ چۈن ئۇدا ئون يىل مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، بۇ يىل يەنە ئۆزى ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىل، ئۆي ئاپتوموبىلىدىن 20نى تەشكىللەپ، 6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى شىخو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024 ـ يىللىق مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ساياھەتچىلىرى شاڭخەي، خەينەن، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى خەينەنلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلانغان بىرىنچى ۋاقىتتا بېرىپ ھېس قىلىش ئۈچۈن، 5 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا شىنجاڭغا يېتىپ كەلگەنىدى.

شىنجاڭ كۈيتۈن شىفاڭ موتوسىكلىت كۇلۇبى 42 موتوسىكلىتنى تەشكىللەپ قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتۇردى. «بۇ ئىككى يىلدا، شىنجاڭ سىرتىدىن كېلىدىغان ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلانغان شۇ كۈن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ بايرىمىغا ئوخشاپ قالدى. بۇ تاشيول تولىمۇ ئالقىشلىق ۋە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى» دېدى بۇ كۇلۇبنىڭ مەسئۇلى ۋۇ بىن.

«تىيانشان ئومۇرتقىسىنى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان مەنزىرە چوڭ يولى» «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ تەرىپلىنىدىغان مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى زادى قانداق يول؟ ئۇ G217 لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىمالدا قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ، بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر، يول بويى يايلاق، دەريا ئېقىنى، قارلىق تاغ، كۆل، جىلغا، ئورمان قاتارلىق مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.

«بۇ يولدا بىر كۈندە تۆت پەسىلنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، خۇددى كىشىلىك ھاياتقا ئوخشاش مول، رەڭدار.» شىنجاڭ جۇڭباڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇ چۈنيى مۇنداق دېدى: شىركەت تەشكىللىگەن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ئۆمىكى قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى بەش سائەت بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىپ، 10 مىڭغا يېقىن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، 100دىن ئارتۇق ئادەم ئۆمەككە تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈردى.

تاڭ چۈننىڭ قارىشىچە، يول بويىدىكى مول تەبىئىي مەنزىرىدىن باشقا، ئۆزگىچە تاشيول مەدەنىيىتى، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان جەلپكارلىققا ئىگە قىلغان. بۇ يىل، تاڭ چۈن ساياھەتچىلەرگە مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى مۇزېيى، «كۆككە تاقاشقان مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى» ناملىق چوڭ تىپتىكى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى ئەمەلىي مەنزىرە ئويۇنىنى نۇقتىلىق تەۋسىيە قىلدى. «كۆپچىلىككە ئەڭ گۈزەل تاشيولنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تىللاردا داستان بولغۇدەك تارىخنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك».

«مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى بويىدا ليۇليەن سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارى پەن خۇي يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، شىخو شەھىرى بەيياڭگۇ بازىرىدىكى شىخو ئۆتىڭى مېھمانسارىيىنىڭ 1 ـ قەۋىتىدىكى تاللا بازىرىدىن مېۋە سېتىۋالدى، «ئىلگىرى مايتاغدا، شىخو شەھىرىدە قوناتتۇق، كەلمىگىلى نەچچە يىل بوپتۇ، بۇ يەردە مېھمانساراي، مەززىلىك تائاملار كوچىسى قۇرۇلۇپتۇ، ئۆزگىرىش بەك چوڭ بوپتۇ».

ئومۇمىي سېلىنمىسى 120 مىليون يۈەن بولغان «شىخو ئۆتىڭى» ساياھەت كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى بىلەن S101 لىنىيەسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان بولۇپ، 6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ يەردە شىخو ئۆتىڭى مېھمانسارىيىدىن باشقا، يەنە ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى، مەززىلىك تائاملار ئۆتىڭى، پىۋا تېتىش سارىيى، ئۈستى ئوچۇق بازار قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمىتى يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى بار. «ھازىر ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرى 6 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى، بۇ يىل ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ساياھەتچىسىدىن 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى كۈتۈۋېلىشنى مۆلچەرلىدۇق» دېدى شىخو شەھىرى شىڭدىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىخو ئۆتىڭى تۈرىنىڭ تىجارەت دىرېكتورى ۋاڭ جياشىن.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى قاتناش ـ سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى لىنىيەسى بويىدىكى ئون جايدا قاتناش مېتېئورولوگىيە پونكىتى ـ نۇقتىسى، تۆت جايدا قاتناش مۇلازىمىتى پونكىتى ـ نۇقتىسى، توققۇز جايدا ئاسراش ـ راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش پونكىتى ـ نۇقتىسى قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشى، ھاجەتخانىغا كىرىشىگە قولايلىق ياراتتى؛ ئۈسكۈنە ھەم ماددىي ئەشيالارنى تولۇق، يېتەرلىك سەپلەپ، تاغلىق رايوندا قار يېغىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا پائال تاقابىل تۇردى؛ توكلىغۇچنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى.

لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇشى بىلەن، بۇ يىل مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر قاتناش باشلىنىپلا قالماي، يول بويىدىكى ئەسلىھەلەر تېخىمۇ تولۇق بولدى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتى تېخىمۇ مول بولدى. بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقى، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەت سەرخىل لىنىيەسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆمەك تەشكىللەپ ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ شيەنجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۇچا شەھىرى كۈسەن كوچىسى، دوپپا كوچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە بەرپا قىلىپ، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى G217 لىنىيەسى بويىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئېكسكۇرسىيە مەنزىرە نۇقتىسى، مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئۇل، يانداش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ساياھەتچىلەرنىڭ «قەدىمىي ئاھاڭدىكى كۈسەن . يىپەك يولىدىكى كۇچا» ئۆزگىچە ساياھەت مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى يەنە مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى ۋە G219 چېگرا ساياھەت مەنزىرە يولى، S101 تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى قاتارلىق ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مول، رەڭدار ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

شېنجېندىن كەلگەن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارى لى يەن دوستلىرى بىلەن شۇ جايغا بارغاندىن كېيىن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنى تاللىدى. 5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەيدەپ S101 لىنىيەسى ئارقىلىق كۈيتۈن شەھىرىگە بېرىپ، سايرام كۆلى، نارات مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلغاندىن كېيىن، 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىغا كىردى. ئۇلار ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ شىنجاڭدا چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىشنى پىلانلىدى، «بىز ماڭغاچ سۈرەتكە تارتماقچى، ئوينىماقچى. شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل، يول ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئىكەن. بىز گۈزەل مەنزىرىنى كامېرا ئارقىلىق خاتىرىلەپ، ھەمبەھرىلەپ، گۈزەللىكنى قەلبىمىزدە قالدۇرىمىز، قەدىرلەپ ساقلايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.