تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بويىچە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرى 26 مىليوندىن ئاشتى

تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 ـ يىلى 1 ـ پەسىلنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ پەسىلنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ بويىچە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرى 26 مىليون 154 مىڭغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

1 ـ پەسىلنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ تېلېگراف كەسپى ئومۇمىي مىقدارى جەمئىي 9 مىليارد 260 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تېلېگراف كەسپىدىن قىلىنغان كىرىم 7 مىليارد 730 مىليون يۈەن، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 1 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولدى.

كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېفون ئابۇنىچىسى 30 مىليونغا يېقىنلاشتى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئالاقە تورى ئابۇنىچىسى 26 مىليوندىن ئېشىپ، بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايون بويىچە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 1 ـ پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مۇقىم تېلېفون ئابۇنىچىسى 4 مىليون 39 مىڭغا يېتىپ، مۇقىم تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر 100 كىشىگە 15.6دىن توغرا كەلدى؛ كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېفون ئابۇنىچىسى 29 مىليون 921 مىڭ بولۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېفونىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر 100 ئادەمگە 115.6دىن توغرا كەلدى؛ (مۇقىم) ئالاقە تورى كەڭ بەلباغ تورىنى ئۇلىغان ئابۇنىچى 13 مىليون 245 مىڭ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئالاقە تورى ئابۇنىچىسى 26 مىليون 154 مىڭ بولدى.

2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە مۇقىم تېلېفون ئابۇنىچىسى 3 مىليون 993 مىڭ بولۇپ، مۇقىم تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر 100 كىشىگە 15.4دىن توغرا كەلگەن؛ كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېفون ئابۇنىچىسى 29 مىليون 749 مىڭ بولۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېفونىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر 100 ئادەمگە 114.9دىن توغرا كەلگەن؛ (مۇقىم) ئالاقە تورى كەڭ بەلباغ تورىنى ئۇلىغان ئابۇنىچى 12 مىليون 883 مىڭ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئالاقە تورى ئابۇنىچىسى 25 مىليون 850 مىڭ بولغان.

بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپى «سىگنالنى كۈچەيتىش . تىيانشاننى رەقەملىك تۇتاشتۇرۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «كەڭ بەلباغ تور بىلەن قاپلانغان چېگرا رايون» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پايدىلانغىلى بولىدىغان، پايدىلىنالايدىغان، ياخشى پايدىلىنىدىغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تور كۈچلۈك رايونى، رەقەملىك جۇڭگو، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.