تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك بىناكارلىق كارخانىسى قاتارىغا كىرگەن 12 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە بىناكارلىق كۆرگەزمىسى ھەم مۇھاكىمە يىغىنى تەييارلىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىناكارلىق ساھەسىدىكى «كاتتا سەپ»نى كۈتۈۋالىدىكەن، مەملىكەت بويىچە ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 73 بىناكارلىق كارخانىسى بىناكارلىق كەسپى كۆرگەزمە رايونىدا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن 12 كارخانا، مەركەز كارخانىلىرى ھەم كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىدىن 22سى، ساھە داڭلىق كارخانىسىدىن 39ى بار ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق يىپەك يولىنى <بەرپا قىلىش>، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق كەلگۈسىنى <يارىتىش>» باش تېما قىلىنغان بىناكارلىق كەسپى باش تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمە كۆلىمى 3636 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، جياڭسۇ، شەندۇڭ، شەنشى قاتارلىق بىناكارلىقتا كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن.

كۆرگەزمە رايونى جەمئىي تۆت باش تېمىلىق بۆلەككە ئايرىلغان، يەنى «خاۋفاڭزى» كۆرگەزمە رايونى، بىناكارلىق - سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش كۆرگەزمە رايونى، ئاقىل شەھەر ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربون كۆرگەزمە رايونى، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرۇش كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش ماشىنا ئادىمى، بىنا سېلىش ماشىنىسى، كۆۋرۈك سېلىش ماشىنىسى قاتارلىق نۇرغۇن يارقىن مەزمۇنلار توپلىنىپ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە خېرىدار چاقىرىش باشلىنىشى بىلەنلا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز بىناكارلىق كەسپى كارخانىسىنى بەس - بەستە تىزىملىتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان، قاتتىق تاللاپ بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرىدا 70 تىن ئارتۇق كارخانىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى بېكىتىلگەن.

بىناكارلىق ساھەسىدىكى كارخانىلارنىڭ كۆرگەزمىگە مەركەزلىك قاتنىشىشى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھسۇلاتلىرى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىدۇ.

كۆرگەزمە مەزگىلىدە، يەنە «قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق بەھرىلىنىش، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قۇرۇلۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، شۇ چاغدا جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، كارخانا مەسئۇللىرى قاتارلىقلار دىققەتنى رايون شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە بىناكارلىق سېلىنمىسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە بىناكارلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بىناكارلىق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.