تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

​پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئالدىنقى يېرىم يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، تەھلىل قىلىندى، ھازىرقى ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قايتا تەكىتلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھادىسە ئومۇمىي مىقدارى ھەم بىرقەدەر چوڭ ھادىسىلەر بىردەك ئۈنۈملۈك توسۇلدى، نۇقتىلىق ساھەلەردە بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈملۈك بولدى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۈستىمىزگە ئېلىپ ئۆتكۈزدۇق. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھادىسىلەردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىپ، بالدۇر تاقابىل تۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۇەنۋۇ بايرىمى، قۇربان ھېيت ھەم يازلىق تەتىل يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلى يېتىپ كەلدى، بۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشتىن ئىبارەت قوش ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ يولغا قويۇپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. كان ساھەسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى باھالاشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق مەزگىل ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغان، قۇرۇلۇش قىلىش توختىتىلغان كۆمۈر كانلارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانۇن - نىزام بويىچە سالماق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە «ھادىسىنى ئازايتىش، ئېغىر ھادىسە يۈزبېرىشنى تىزگىنلەش» خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت ئۆمىكى، ئاپتوموبىل ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەنزىرە رايونىدىكى ئاسما يول، ئاسما ۋاگون، چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى قەرەللىك ئاسراشنى ياخشى ئىشلەپ، قاتناش، ساياھەت ساھەسىدىكى بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئادەملەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا قارىتا ئوت مۇداپىئەسى «ھاياتلىق يولى»نى راۋانلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى پۈتۈن زەنجىرلىك تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توكلۇق ۋېلىسىپىتنى «بىنالارغا، ئائىلىلەرگە ئەكىرىۋېلىش» «ئاسما سىم ئارقىلىق توك قاچىلاش» قاتارلىق گەۋدىلىك خەۋپ - خەتەرلەرنى مەنبەدىن تۈزىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى مەزگىلدە، قىسمەن جايلاردا بوران، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قارا يامغۇر قاتارلىق ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆزىتىش - ئالدىن سىگنال بېرىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ساھە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» مەسئۇلىيىتى ئاجىزلىشىش مەسىلىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ جىددىي ئىشلاردا خەۋپ - خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا كۆپچىلىك «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى زىممىمىزدە» ناملىق ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆردى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يۈسۈپجان مەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، جۇ لىفەن، باتۇ قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.