تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

شىنجاڭ «قانۇنچىللىقتا خەلقنى كۆزلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىش» تۈرىدىن ئوننى ئېلان قىلدى

    5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «شىنجاڭ ئەدلىيە مەمۇرىيىتى» (新疆司法行政) 2024-يىللىق «قانۇنچىللىقتا خەلقنى كۆزلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىش» تۈرىدىن ئوننى ئېلان قىلدى، بۇ ساياھەت ئىستېمالىدا ساياھەتچىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا بولغان يېڭى تەلىپى، يېڭى ئۈمىدىگە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 2024-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ «قانۇنچىللىقتا خەلقنى كۆزلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساياھەت ئىستېمالى، ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ئون ئەمەلىي ئىش تۈرىنى بېكىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.