تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاداش پاراڭلىرى ∣ ئالتاي! ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بايلىق ماكانى

    تىيانشان تورى 

    ئالتاي تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر بەلكىم ئالدى بىلەن ئاشۇ بىپايان يايلاقلارنى، چېپىپ يۈرگەن ئارغىماقلارنى، توپ-توپ بولۇپ ئوتلاۋاتقان قوي-كالىلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەگەر سىز كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىسىڭىز، بۇ تۇپراقتا تېخىمۇ نازۇك، يەنە بىر خىل تېخىمۇ يوشۇرۇن ئاۋازنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز، ئۇ بولسىمۇ ئالتايدىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پىچىرلاشلىرى. بۈگۈنكى «ئاداش پاراڭلىرى»غا ئەگىشىپ، بىز بىرلىكتە ئالتايدىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرگە يېقىنلىشىپ باقايلى.

   سىن سۆزى

   ئالتاي! ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بايلىق ماكانى

   ئاداش رىياسەتچى: راقىيا ھۈسەن

   ھەي، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر

   مەن سىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگۈچى ئادىشىڭلار راقىيا

   ئەگەر مەن ئالتاينى يازماقچى بولسام،

   ئالتاينىلا يازمايمەن

   ئالتاينىڭ بايلىقى بولغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى يازىمەن

   كۈركۈم گۈللىرىنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان ھالىتىنى يازىمەن

   مازارىيون گۈلى خۇش پۇرىقىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى يازىمەن

    ئاق قېيىن يوپۇرمىقىنىڭ ئالتۇن رەڭ چاچقانلىقىنى يازىمەن

   جىغان مېۋىسىدىن زىمىستان قىشتا مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى يازىمەن

   ئالتاي تىلغا ئېلىنسا

   سىز بەلكىم ئالدى بىلەن 

   ئاشۇ چەكسىز كەتكەن يايلاقنى

   چېپىپ يۈرگەن ئارغىماقلارنى

    توپ-توپ قوي-كالىلارنى

   كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن.

ھالبۇكى، ئەگەر سىز كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىسىڭىز

    بۇ تۇپراقتا يەنە بىر خىل

    تېخىمۇ نازۇك، تېخىمۇ يوشۇرۇن ئاۋازنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز

    ​ئۇ بولسىمۇ ئالتايدىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پىچىرلاشلىرى.

    باھاردىكى ئالتايدا

   ئاسمان كۆك ھەم سۈزۈك 

   ئاپئاق بۇلۇتلار توزغاقتەك كۆرۈنىدۇ

   ياۋا كۈركۈم گۈللىرى خۇددى پەرىزات چېچىۋەتكەن يۇلتۇزلاردەك

    يېشىل يايلاققا زىننەت قوشۇپ

    رەڭگارەڭ كۆرۈنىدۇ

   مازارىيون بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىسى

   ياز كۈنلىرى پىژغىرىم ئىسسىقتا

   چىرايلىق مازارىيون گۈلى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇش پۇراق چاچىدۇ

   ئالتۇن رەڭلىك دەرەخ يوپۇرماقلىرى

    ئاپئاق دەرەخ غولى

    ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى

   كۈزدىكى ئاق قېيىنزارلىقنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالتۇن رەڭلىك نۇر چاقناپ

    خۇددى ئۆرۈلۈپ كەتكەن رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشاش

    كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ

    زىمىستان قىش مەزگىلىدە

   جىغان دەرەخلىرى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ

    ئۇلار كۈمۈش لىباس كىيگەن بولسىمۇ

    لېكىن ئۇنىڭغا كىشىلەر بىلمەيدىغان بايلىق يوشۇرۇنغان

    ئالتاينىڭ تاغ-دەريالىرى

    مول، رەڭدار

    تۈرى كۆپ بولغان ئۆسۈملۈك تۈر توپىنى پەيدا قىلغان ۋە بەرپا قىلغان بولۇپ

    دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئۆسۈملۈك گېن ئامبىرى

    بۇ تۇپراقتا ماڭسىڭىز

    خۇددى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولىسىز

    ئۇلار ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ

    بۇ تۇپراقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىدۇ

   ئالتاي تەبىئەتنىڭ سىرلىرى ۋە گۈزەللىكىنىڭ ئىخچام تەسۋىرى بولۇپ

    ئىختىيارسىز ھالدا كىشىنى بۇ تۇپراقنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ قەدىرلەشكە ئۈندەيدۇ

   ئاداش پاراڭلىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.