تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ| ئونسۇ قەدىمىي شەھىرى رەڭدار تۈسكە كىرىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

6-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان ئونسۇ قەدىمىي شەھىرىدە چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە (تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

   تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى ) 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان ئونسۇ قەدىمىي شەھىرى يەنىلا ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، چوڭ تىپتىكى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا، بىر مەيدان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

   ئونسۇ قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت ساياھەت رايونىغا 164 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 327.94 مو، قەدىمىي شەھەر مەدەنىيىتى، قەدىمىي شەھەر تۇرمۇشى، قەدىمىي شەھەر سودىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىقتىدار رايونى ۋە قەدىمىي شەھەر دەرۋازىسى، شىسەنفاڭ، بەيۋېيسى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسى تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق مەنزىرە بۆلەكلىرى بار. ئونسۇ قەدىمىي شەھىرى 2023 - يىلى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن شۇ جاينىڭ يېڭى ساياھەت ئاۋات نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   بۇ يىل 1ـ ئايدىن 5ـ ئايغىچە ئونسۇ ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 443 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.19 ئاشتى. ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 238 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.76 ئاشتى.

6-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، ئونسۇ قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر (تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

6ـ ئاينىڭ 5ـ كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر ئونسۇ قەدىمىي شەھىرىدە خاتىرە بۇيۇمى سېتىۋالماقتا.

6-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، ساياھەتچىلەر ئونسۇ قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەت قىلماقتا.

 6ـ ئاينىڭ 5ـ كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر ئونسۇ قەدىمىي شەھىرىدە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كەچتە، ئارتىسلار ئونسۇ قەدىمىي شەھىرىدە ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.