ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سو روڭجى خەۋەر قىلىدۇ) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ خۇشاللىق، ئىناقلىققا تولغان دۇەنۋۇ كاتتا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستېمال ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار قاتارلىق ئىستېمالچىلار توپىنىڭ يېمەكلىكنى مۇنتىزىم يول ئارقىلىق سېتىۋېلىش، يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلاشقا دىققەت قىلىش، تاماقنى تەڭشەش، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.
كۈندىلىك يېمەكلىك ياكى بايراملىق زۇڭزا سېتىۋالغاندا، كىنىشكىلىرى تولۇق، باشقۇرۇلۇشى قېلىپلاشقان سودا ساراي، تاللا بازىرى ياكى بازارلارنى تاللاش، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېمەكلىكنىڭ ئورالما بەلگىسىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئېنىق، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سېتىۋالغاندىن كېيىن مال سېتىۋېلىش بېلىتى، تالون قاتارلىق ئالاقىدار ئىستېمال ئىسپاتىنى ياخشى ساقلاش كېرەك.
يېڭى يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، تەمى تېخىمۇ ياخشى. ئىستېمالچىلار يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، يېمەكلىكنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، پۇرىقى ۋە سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، سۈپىتى ئۆزگەرگەن ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سېتىۋالغاندىن كېيىنكى زۇڭزا قاتارلىقلارنى بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن ساقلاش ئۇسۇلى بويىچە ساقلاش ھەم بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى بويىچە پىششىقلاپ يېيىش كېرەك؛ سوغۇق ياكى توڭلىتىپ ساقلانغان زۇڭزىنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن تولۇق ئىسسىتىش، ئېغىزى ئېچىلغان يېمەكلىكلەرنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ئىمكانقەدەر ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ساقلىماسلىق، يەپ ئېشىپ قالغان زۇڭزىنى بىر قېتىمدىن ئارتۇق تەكرار قىزىتماسلىق كېرەك. ئېچىپ پۇراپ قالغان، ئاچچىق بولۇپ قالغان، تەمى ئۆزگىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.
ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق سەرپ قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا تاماق تەييارلىغاندا، تاماقنى تەڭشەپ بېرىپ، ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى جەريانىدا، ئەگەر ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تېزدىن مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالىنىشى ھەمدە داۋالىنىش خاتىرىسى قاتارلىق ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك. ئىستېمال ماجىراسى يۈز بەرسە، ئىستېمالچىلار 12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىسا بولىدۇ.