شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى بويىچە كۈتۈۋېلىشنى ئۈستىگە ئالغان مېھمانسارايلارغا ۋىۋىسكا بېرىش مۇراسىمى ھەم تەربىيەلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ۋىۋىسكا بېرىلگەن كۈتۈۋېلىشنى ئۈستىگە ئالغان جەمئىي 18 مېھمانساراي ۋە كېلىشىم ئىمزالىغان 20دىن ئارتۇق مېھمانساراي 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، كۈتۈۋېلىشنى ئۈستىگە ئالغان مېھمانساراي(مېھمانخانا)لار يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى، تازىلىق مۇھىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىدار ئۆلچەمگە يېتىشى زۆرۈر ئىكەن. باھالاش خىزمىتى گۇرۇپپىسى «بىخەتەر، تېجەشلىك، ئەمەلىيەتچىل بولۇش»تىن ئىبارەت يىغىن ئۆتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى مېھمانساراي (مېھمانخانا)لارنىڭ ھازىرقى تىجارەت باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ياتاق، ئاشخانا، ئوت مۇداپىئە مەركىزىدىكى مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك ساقلاش ھەم ئەۋرىشكە قالدۇرۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ھالقىلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن نەق مەيداندا مېھمانساراي (مېھمانخانا)لارنىڭ ئاساسىي مۇھىتى، ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى، مۇلازىمەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى 16 تارماق تۈرنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ نومۇر قويدى، پۈتۈن جەريان ئاشكارا، ئوچۇق بولدى. نۆۋەتتە كۈتۈۋېلىشنى ئۈستىگە ئالغان مېھمانساراي(مېھمانخانا)لارنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملاندى.
سىجىل مۇكەممەللىشىۋاتقان قاتتىق ماتېرىيال يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچى غەربىي شىمال نېفىت مېھمانسارىيى كۆپ قېتىم جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە كۈتۈۋېلىشنى ئۈستىگە ئالغان مېھمانساراي بولدى. بۇ مېھمانساراينىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورى چېن جيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مېھمانسارىيىمىز كۈتۈۋېلىش لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ياتاق بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتتى.
8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مېھرىگۈل تۇرسۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان ئەزىز مېھمانلارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى، كۆرگەزمىگە، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان مېھمان سودىگەرلەرنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى داۋاملىق تۈردە بەلگىلەنگەن كۈتۈۋېلىشنى ئۈستىگە ئالغان مېھمانساراي(مېھمانخانا)لارغا قارىتا يېتەكلەش، تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، كۈتۈۋېلىشنى ئۈستىگە ئالغان مېھمانساراي(مېھمانخانا)لارنىڭ سۈپەت ۋە ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مېھمانساراي (مېھمانخانا)لارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تەييارلىق قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، مېھمانساراي (مېھمانخانا)لارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، تازىلىق، بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىشىنى تەكشۈرۈپ، مېھمانلارنىڭ ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.