تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى . شىنجاڭ سەھىپىسى | دىلرابا بىر شەھەرنىڭ داڭقىنى چىقىرىۋەتتىمۇ؟ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە 160تىن ئارتۇق ساياھەت سۈرەتخانىسى ئېچىلدى

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

    6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك تور داڭلىق شەخسلىرىدىن «شىنجاڭ شياۋگۇ» مۇنداق دېدى: «ئەگەر يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە بارسىڭىز، چوقۇم مىللەتلەر كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، بىر يۈرۈش ئەينەن سۈرەتلەر توپلىمىغا يەتكۈدەك سۈرەتكە چۈشۈۋېلىڭ».

   5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تور جەمئىيەت خىزمىتى ئىدارىسى، جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىكتە «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى . شىنجاڭ سەھىپىسى» مەخسۇس پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى، قەشقەر شەھىرى پائالىيەتنىڭ بىرىنچى بېكىتى قىلىندى. گەرچە بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن «شىنجاڭ شياۋگۇ»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەت بويىچە 40تىن ئارتۇق تور مەدەنىيلىكى ھەمراھلىرى، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك تور داڭلىق شەخسلىرى، تور سۇپىلىرى ۋەكىللىرى ھەمدە تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ساياھەت سۈرەتخانىلىرى يولغا قويغان ئەينەن سۈرەتكە تارتىش مۇلازىمىتى «شىنجاڭ شياۋگۇ»نى بەك جەلپ قىلدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بۇنداق ساياھەت سۈرەتخانىسىدىن 160 نەچچىسى بار.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن فوتوسى

    قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە 160تىن ئارتۇق ساياھەت سۈرەتخانىسى بار بولۇپ، ساياھەت سۈرىتى تارتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 2000دىن ئېشىپ، يىللىق كىرىمى 260 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ شېنجېندىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ ساياھەت سۈرەتخانىسى ئاچقان فوتوگراف «ليۇليەن» (توردىكى نامى) مۇنداق دېدى: 2020-يىلى پەقەت ئۈچ ساياھەت سۈرەتخانىسى بار ئىدى، 2022-يىلىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ نەچچە ئونغا يەتتى. 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، «ليۇليەن» قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بىر يىل تۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى، ئاندىن بۇ يەردە ساياھەت سۈرەتخانىسى ئېچىپ، شياۋخۇڭشۇ (小红书) ئارقىلىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشنى قارار قىلدى. ھازىرغا قەدەر، «ليۇليەن»نىڭ شياۋخۇڭشۇدىكى مەستانىسى 6000دىن ئاشتى، ئۇنىڭ %99 خېرىدارى شياۋخۇڭشۇدا زاكاز قىلىشتىن كەلگەن.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئىپارخان ساياھەت سۈرەتخانىسى خېرىدارلار ئۈچۈن سۈرەتكە تارتقان ئەسەر.

ئىپارخان ساياھەت سۈرەتخانىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

    2021-يىلىدىن باشلاپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قۇملۇق گۈلى ساياھەت سۈرىتى تارتىش ئىشخانىسى تەسىس قىلغان «جوۋ پاۋپاۋ» (توردىكى نامى)نىڭ سودىسى ھازىر بەك يۈرۈشۈپ كەتتى. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، بىر كۈندە 40-50 گۇرۇپپا خېرىدارنى ساياھەت سۈرىتى تارتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    ئىپارخان ساياھەت سۈرەتخانىسى 2023-يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى 100 يىللىق كونا چايخانىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇنجى ساياھەت سۈرەتخانىسى ئاچتى، ھازىرغىچە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي، غەربىي شەھەرلىرى ۋە كوئېنلۇن مۇنارى ئاستىدا يەتتە دۇكان ئېچىلدى. «2023-يىلى قەشقەرگە ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېز كۆپەيدى، يېڭىچە ئىستېمال زور پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت سۈرەتخانىلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇردۇق» دېدى ئىپارخان ساياھەت سۈرەتخانىسىنىڭ دەسلەپكى پايچىكى لى يۈەن.

   بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىپارخان ساياھەت سۈرەتخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا سەككىز ساياھەت سۈرەتخانىسى ئاچتى، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغىنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتەشۇئار كوچىسىدا.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ساياھەت سۈرەتخانىسى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن فوتوسى

    ساياھەت سۈرىتىگە تارتىش بىر خىل چۆكۈش شەكلىدىكى ئىستېمال بولۇپ، مەدەنىيەت ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ھازىر بۇ يېڭى تىپتىكى ئىستېمال كەسپى مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا جانلانغان بولۇپ، فېڭخۇاڭ قەدىمىي شەھىرىدىن بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى كېچە بولماس شەھەرگىچە، جوۋسۈن كەنتىدىن چيەنخۇ مياۋزۇلار كەنتىگىچە ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «بولۇپمۇ لىجياڭدا ساياھەت سۈرەتچىلىكى ناھايىتى قىزىغان بولۇپ، دەريا بويىدا نۇرغۇن ساياھەت سۈرەتخانىسى بار» دېدى لى يۈەن.

   يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ سىرتىدا ئەۋج ئالغان ساياھەت سۈرىتى تارتىش شامىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، ئالدى بىلەن سىرتتىن كەلگەن بىر تۈركۈم سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىپ دۇكان ئاچتى، ئارقىدىنلا يەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئەگىشىپ ماڭدى، بولۇپمۇ بۇ يىل مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا دىلرابانىڭ ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ ئۇسسۇل ئوينىشى ساياھەت سۈرەتچىلىكى بازىرىنى تېخىمۇ قىزىتىپ، يەنە بىر تۈركۈم مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلدى.

   ھازىر دىلرابا بىلەن ئوخشاش پاسوندىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈش قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ساياھەت سۈرىتى تارتىشتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم»نىڭ قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش خاسلىقىغا ئىگە ئالتەشۇئار كوچىسى، قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونى قاتارلىق جايلارمۇ ساياھەت سۈرىتى تارتىشقا مەبلەغ سېلىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك بولۇپ قالدى. ھازىر، ئالتەشۇئار كوچىسىدا 40تىن ئارتۇق ساياھەت سۈرەتخانىسى ئېچىلدى.

چيەنمو ساياھەت سۈرەتخانىسى تارتقان خېرىدارلارنىڭ خەنفۇ كىيىپ، گۈل-چېچەكلەر ئارىسىدا تۇرۇپ چۈشكەن سۈرىتى.

سۈرەتنى چيەنمو ساياھەت سۈرەتخانىسى تەمىنلىگەن

    بىر قىسىم ساياھەت سۈرەتخانىلىرى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قەدىمىي كوچىلاردا، يەنە بىر قىسىم ساياھەت سۈرەتخانىلىرى كەنت-بازارلاردىكى گۈل-چېچەكلەر دېڭىزىدا ئېچىلدى. چيەنمو ساياھەت سۈرەتخانىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى شاڭسى كەنتىدە يىلتىز تارتىپ، سەككىز مو يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ كېسان گۈلى، زىننىيە جۇخار گۈلى قاتارلىق گۈللەرنى تېرىپ، ساياھەتچىلەرنى خەنفۇ كىيىپ، گۈل-چېچەكلەر ئارىسىدا تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «ھەر يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە، ساياھەت سۈرەتخانىسىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ» دېدى چيەنمو ساياھەت سۈرەتخانىسىنىڭ دۇكان باشلىقى دۇ يەنخۇڭ.

شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى خېرىدارلار ئۈچۈن سۈرەتكە تارتقان ساياھەت سۈرىتى ئەسىرى.

شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

    يېڭى تىپتىكى ئىستېمال بازىرىنى قېزىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى «ئەيماشى داڭلىق ئات ساياھەت سۈرىتى» ۋە «ئات ئالاھىدە ماھارىتى ساياھەت سۈرىتى» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، قىسقا سىن، سۈرەتكە ئېلىشنى ئاساس قىلدى. «مەلىكىلەرچە سالام قىسقا سىن كۆرۈنۈشىدە نۇرغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، كۆرۈنۈشى گۈزەل، سۈرۈشتۈرىدىغان، سۈرەتكە ئېلىشقا ئالدىن كېلىشىدىغان خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ» دېدى شىنجاڭ ياۋا ئات مەدەنىيىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چيۇ لياڭ.

    ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈشنى تاللايدىغان خېرىدارلار ئاساسلىقى ياشلار. قىسقا سىننىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر ياشلار ساياھەت سۈرىتىگە قىزىقىپلا قالماي، يەنە ھېكايە ۋەقەلىكى بار قىسقا سىن ئېلىشقا ئالدىن كېلىشىپ، دوۋيىن، شياۋخۇڭشۇ قاتارلىق سۇپىلارغا يوللاپ، دوستلىرى بىلەن ھەمبەھرىلىنىدۇ.

    يېڭىچە ئىستېمال بازىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئەيمېي باشى خۇنبو مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى مەخسۇس شېرىن ئاي ساياھىتى سۈرەتكە ئېلىش بۆلىكى مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. «يېقىنقى ئۈچ يىلدا، شىنجاڭغا شېرىن ئاي ساياھىتى قىلغىلى كەلگەن خېرىدارلار تېز كۆپەيدى، بولۇپمۇ «بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ»دىن كەلگەن خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ. ئۈرۈمچى ئەيمېي باشى خۇنبو مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شىن مۇنداق دېدى: 10 يىل ئىلگىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلار بالى ئارىلى قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈشنى ياخشى كۆرەتتى، ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشى شىنجاڭغا كېلىشنى تاللىدى.

   ساياھەت ئەمدى «بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلدىم»دىن ئىبارەت داكا قىلىش ئەمەس، چۆكۈش شەكلىدىكى ساياھەت ئىستېمالى يېڭى قىزغىن دولقۇنغا ئايلانماقتا، ساياھەتچىلەر «كۆرۈنۈش كۆرگۈچى»دىن «كۆرۈنۈشتىكى ئادەم»گە ئايلىنىپ، سەھنە ئاستىدىن سەھنە مەركىزىگە قاراپ مېڭىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلماقتا. شىنجاڭنىڭ ساياھەت سۈرەتچىلىكىگە سالغان مەبلىغى تېز ئاشتى، بۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.