تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى تەسۋىرلەش

− «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى . شىنجاڭ سەھىپىسى» مەخسۇس تېما پائالىيىتى توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تور جەمئىيەت خىزمىتى ئىدارىسى، جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى . شىنجاڭ سەھىپىسى» مەخسۇس تېما پائالىيىتى ئاياغلاشتى. بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىتتا، مەخسۇس تېما پائالىيىتى ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمىكى قەشقەر، ئىلى، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئۈچ جايغا بېرىپ، 10 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ، سانائەت بازىسى، پورت، باغچە رايونى، سېخ، يېزا ـ كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۆردى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى زىيارەت قىلدى، ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە ئەھۋال ئىگىلىدى، قىزىل تارىخنى ئاڭلىدى، تور مەدەنىيلىكى ھەمراھلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك تور داڭلىق شەخسلىرى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن خاتىرىلەپ، تەسۋىرلەپ، ئېلان قىلىپ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ تەسىرلىك شىنجاڭنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نامايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىر قېتىملىق ئىقتىساد سەپىرى، جەمئىيەت سەپىرى، قىزىل سەپەر، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى سىرتقا نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈم، ئىلگىرىلەشلەرنى جانلىق نامايان قىلىش ئارقىلىق، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۆرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيىتى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى.

كەسىپ تەرەققىياتى كۈچلۈك

شىنجاڭ تەبىئىي شارائىت ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە تايىنىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، خاس ئەۋزەللىكنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلدى.

«بۇ، مەن ئىچىپ باققان ئەڭ ياخشى قېتىق!» 5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئەسلىي تەمدىكى قېتىقنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، بىلوگ ئىگىسى «گۇيەن مۇچەن» ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كىرىش بىلەنلا، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ليەنۋۇ، شياڭجياۋ، بالې قاتارلىق مېۋىلەر ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنى جەلپ قىلدى. كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا ھاسىل بولغان كېرەكسىز كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇپ مېۋە ئۆستۈرۈش مېنىڭ تونۇشۇمنى يېڭىلىدى، شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئالقىشلايمەن» دېدى بىلوگ ئىگىسى «دۇنيادا كۆرگەن ـ ئاڭلىغان ئىشلار خاتىرىسى».

قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا شوخلىغا ئىشلىتىلىدىغان كوكۇس كېپىكى ئۆستۈرۈش ئاساسىي ماددىسى قىلىنىپ، شوخلىنىڭ ئۆسۈشى مۇۋاپىق مۇھىت بىلەن تەمىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقىل يېزا ئىگىلىك پارنىكىغا يەنە ئاپتوماتىك سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق سىستېمىلار سەپلىنىپ، شوخلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆسۈش شارائىتىدا ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

«پىرىزما Talk» نومۇرىنىڭ مەزمۇن مۇھەررىرى خې شۈەنيۈ بۇ مەزمۇنلارنى تەپسىلىي خاتىرىلىۋالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تېز ئىكەن».

«شىنجاڭنىڭ يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تۈۋرۈكى سانائىتىدىكى ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىن ھەيران قالدىم.» شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىلوگ ئىگىسى «V شەنشەن» ۋېيبوسىدا مۇنداق دېدى: «نەدىمۇ مەجبۇرىي سېلىنىدىغان ئەمگەك بولسۇن؟ پەقەت ئۆز ـ ئۆزۈمنى جەزمەن كۆپرەك كۆرۈشكە مەجبۇرلىدىم، كەتكۈم كەلمەيلا قالدى».

تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا يىغىش ماشىنىسى، تايلاش ماشىنىسى قاتارلىق ماشىنىلارنىڭ بىر چەتتە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، «كۇۋەن تەجرىبىخانىسى»نىڭ باش مۇھەررىرى جۇ زىخۇي يان تېلېفونىنى ئېلىپ، بىر پاختا يىغىش ماشىنىسىغا يامىشىپ چىقتى، «بۇ چوڭ ئۈسكۈنىلەر بولسىلا، پاختا يىغىۋېلىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ» دېدى ئۇ.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەركىزىي كونترول قىلىش ئۆيىگە كىرگەندە، بۇ يەردە مېتىل ئالكوھول ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى پۈتۈن جەريانلىق كونترول قىلغىلى بولغاندىن سىرت، يەنە كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز سۇ، قاتتىق تاشلاندۇق قاتارلىق بۇلغىمىلارنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتىكى قويۇپ بېرىلىش قىممىتىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۆزىتىپ ئۆلچىگىلى بولاتتى. «بۇ، دۆلەتنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنىڭ نامايەندىسى» دېدى بىلوگ ئىگىسى « ـ تۆت مىنۇت ئوتتۇز ئۈچ سېكۇنت ـ ».

تارىخىي مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق

5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كىرىپلا، «تارىخنى ئەينەك قىلىش» ناملىق بىلوگ ئىگىسى ۋاڭ شياۋجۈن خۇددى بەدەننى قاتۇرۇپ قويۇش ماھارىتى ئىشلىتىلگەندەك، بىر كوچىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا قالدى، ئۇزاققىچە گەپمۇ قىلمىدى.

«مەن تارىخنى بەك ياخشى كۆرىمەن، قەشقەرگە كېلىپ، مىڭ يىللىق تارىخ مۇجەسسەملەنگەن بۇ بۇيۇملارنى كۆرۈپ، قەدەملىرىمنى يۆتكىيەلمەيلا قالدىم.» ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: گەرچە قەشقەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم كەلگىنىمدە قەشقەرنىڭ تارىخىغا مەپتۇن بولىمەن.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تارىخىي ئادىمىيەت مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، «يىپەك يولىنىڭ تىرىك خاتىرىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. قەدىمىي كوچىلار، بىر ـ بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى، نەپىس خىش ئويما دېرىزە رېشاتكىلىرى... ۋاڭ شياۋجۈن ماڭغاچ تەپسىلىي خاتىرىلىدى، «مەن بىر تارىخ بىلوگ ئىگىسى، مەن تارىخنى ياخشى كۆرىمەن، قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەخسۇس تېمىدا ماقالە يېزىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇشتۇرىمەن» دېدى ئۇ.

«تارىخ زامانىۋىلىق بىلەن مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە شىنجاڭنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ» دېدى «خۇنجى» نومۇرىنىڭ مۇھەررىرى لى شىنيۈ.

شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى ئۆزگىچە، دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن تارىخىي قەدىمىي يادىكارلىقلار بار، ئېسىل يىپەك، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار، ئۇستىلىق بىلەن پۈتكۈزۈلگەن كاتتا ھەيكەل، تام رەسىملىرى، ئاز ئۇچرايدىغان كىيىم ـ كېچەكلەر، نەپىس ئالتۇن ـ كۈمۈش، ئۈنچە ـ مەرۋايىت قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپ مىقداردا قېزىۋېلىنغان، شىنجاڭ مۇزېيىدا بۇلارنىڭ «گۈزەل قىياپەت»ىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيىدا، ھۈنەر ـ سەنئىتى نەپىس سەككىز ئەجدىھا نەقىشلىك ئالتۇن توقا، مۇزېينىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى... نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي كىتابلار پائالىيەت ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«دەرىجىدىن تاشقىرى ئائىلىۋى دادا ساياھەت قىلىۋاتىدۇ» ناملىق بىلوگنىڭ ئىگىسى ياڭ ۋېنتاۋ توختىماستىن فوتو ئاپپاراتى بىلەن سۈرەتكە تارتتى، ئۇ مۇزېيدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى «ئاپپاراتىغا قاچىلاپ ئېلىپ كەتمەكچى» بولدى. «مەن بۇ تارىخىي مەزمۇنلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئاستا ـ ئاستا تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ماقالىلەرنى يېزىپ چىقىمەن» دېدى ئۇ.

ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك

5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. مەكتەپتىن قايتقان بىرنەچچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى «مۇسې» ئائىلىۋى مېھمانخانىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ۋېينى چۆرىدەپ ئولتۇردى. ۋاڭ ۋېي دەرسلىك كىتابنى ئېچىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش بالىلارغا ياردەم بېرىپ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

2019 ـ يىلى، خېنەندىن قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن ۋاڭ ۋېي بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، يۈك ـ تاقلىرىنى تاشلاپ ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچتى. «كۆپچىلىك مېنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ، مەنمۇ بۇ يەرگە ئامراق، مەن بۇ يەردە داۋاملىق ئىشلەيمەن» دېدى ئۇ.

غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى خەلق ئۆرپ ـ ئادەت ساياھەت رايونىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ خاس تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىپ، خۇش پۇراق ئەتكەنچاي ۋە تاتلىق مېۋە ـ چېۋىلەرنى تېتىۋاتاتتى...

«كوچا بويىدا ياشانغانلار كۈلۈمسىرەيدۇ، بالىلار كوچىدا خۇشال ئوينايدۇ، قازانچىلىقلار ئەڭ قىزغىن ئۇسسۇل ۋە ئەڭ تاتلىق چاي، پېچىنە ـ پىرەنىكلەر بىلەن سىزنى كۈتۈۋالىدۇ، ئەتراپ قىزغىن تۇرمۇش پۇرىقىغا تويۇنغان، ھەربىر دوقمۇشقا خۇشاللىق يوشۇرۇنغان.» بىلوگ ئىگىسى «چېڭ شىرەن» ئۆزى كۆرگەن مەنزىرىنى خاتىرىلىۋالدى.

قازانچى خەلق ئۆرپ ـ ئادەت ساياھەت رايونىدا 58 جايدا ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئۇسلۇبىدىكى گۈزەل ھويلا، 88 ئاھالىلەر ئۆيى ئېكسكۇرسىيە نۇقتىسى بار. ياڭ ۋېنتاۋ سەيلە قىلغاچ ماھىرە سەلىياخۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ماھىرە ئەر ـ خوتۇن بىلەن پاراڭلاشتى، كىرىمى توغرىسىدا سۆزلەشتى. «ھەر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن كىرىمىم 3000 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 مىڭ يۈەن» دېدى ماھىرە.

«ماھىرە ئەر ـ خوتۇننىڭ تۇرمۇشى ئەمەلىيەتتە ئاددىي ـ ساددا، ئاق كۆڭۈل ئىلىلىقلار تۇرمۇشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، ئۇلارنىڭ بەختلىك ھەم غەمسىز تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، بۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم» دېدى ياڭ ۋېنتاۋ.

سانىيەم مىجىتنىڭ ئۆيىدە ئايال ساھىبخانا كۈلۈمسىرىگىنىچە مېھمانلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ھەم كۆپچىلىككە خۇش پۇراق چاي قۇيدى.

2022 ـ يىلى، سانىيەم ھويلىسىنى بىرەر قۇر بېزەپ، ئاھالىلەر ئۆيى ئېكسكۇرسىيە نۇقتىسى قىلدى، «مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەر كېلىدۇ، بىز ناھايىتى خۇشال ـ خۇرام چىقىشىپ كېتىمىز، ھازىر مەن بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن» دېدى ئۇ.

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېز ئېشىپ، كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسى مۇقىم ئۆسۈپ، تۇرمۇش شارائىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپتۇ، مەن ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەختنى ھېس قىلالىدىم» دېدى بىلوگ ئىگىسى «ستۇكا 98».

ئالتە كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت پائالىيىتى ئاخىرلاشتى، ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرى قايتىپ بارغاندىن كېيىن توپلىغان خام ماتېرىياللارغا ئاساسەن، شىنجاڭغا ئالاقىدار ئەسەرلەرنى داۋاملىق پىششىقلاپ، ئىشلەپ، ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى تەسۋىرلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.