تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت ياڭ يەنيۈ

«1 ـ ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىدا بالىلارغا «بىخەتەرلىك سوۋغىسى» يەتكۈزۈش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە دىكتور بىخەتەرلىكنى سۆزلەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇش... بۇ يىل 6 ـ ئاي 23 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» بولۇپ، باش تېمىسى «ھەممە كىشى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىشى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىش − ھاياتلىق يولىنى راۋانلاشتۇرۇش». 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆپ خىل شەكىلدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە خەتەردىن ساقلىنىش، خەتەردىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

«بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيەتلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن باشلاندى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيەتلىرىنى بەس ـ بەستە باشلىدى.

قومۇل شەھىرى «2024 ـ يىللىق قومۇل شەھىرىنىڭ <بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى> پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، توققۇز تۈرلۈك پائالىيەتنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ھاياتلىق يولىنى راۋانلاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، تەقلىدىي ئوت ئاپىتى ۋە تەقلىدىي يەر تەۋرەش قاتارلىق كۆرۈنۈشلەردە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىتنى بىنالارغا، ئائىلىلەرگە ئەكىرىۋېلىش، ھاياتلىق يولىنى توسۇپ قويۇش، ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ تاسادىپىي يۈزبەرگەن ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى بۇ ناھىيەنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىدە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنى باشلاپ، ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى تەقلىد قىلىش ۋە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش، ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەردە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قاتارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتتى.

6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنى باشلىدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە بىخەتەر چىقىش ئېغىزىنى ئىگىلىۋېلىش، توسۇپ قويۇش، پېچەتلەش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، بىخەتەرلىك مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بىخەتەرلىك ساپاسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئوماق بالىلاردىن باشلاندى

ئوت كەتكەنلىكنى مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا خالىغانچە تېلېفون قىلىشقا بولامدۇ؟ ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ تۇرمۇشتىكى قايسى ئەھۋاللار ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟... 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى بىلەن «1 ـ ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ يەسلىلىرىدىكى 100دىن ئارتۇق كىچىك دوست ۋە ئاتا ـ ئانىنى تەكلىپ قىلىپ «ئاتا ـ ئانىلار، بالىلار ئويۇنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنە ـ جابدۇقلىرى بىلەن تونۇشۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ئويۇنى، ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بالىلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە بايرامدا ئۇنتۇلغۇسىز «بىخەتەرلىك سوۋغىتى»غا ئېرىشتۈردى.

«بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، بالىلار ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ھەقىقىي ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئۇرۇقى چېچىلدى.» سانجى ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى ئۇنىۋېرسال يېتەكلەش بۆلۈمىنىڭ نازارەتچىسى دياۋ مۇچېن مۇنداق بىلدۈردى: مۇشۇنداق بىلىم ئېلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن پائالىيەتلەر ئارقىلىق، «بىر بالىغا تەربىيە بېرىپ بىر ئائىلىگە تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت ياخشى ئۈنۈم ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شۇنداقلا كىچىك دوستلارنى بالىلار بايرىمىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«تاغا، تۇغۇلغان كۈن تورتىغا سانجىلغان شامدىكى كىچىك ئوت چوڭ ئوتنىڭ بالىسىمۇ...» 6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا جايلاشقان ئۈرۈمچى شىچېڭ خەلقئارا يەسلىسىدىن خۇشال كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق (ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتەش) ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى تەكلىپ بويىچە يەسلىگە كېلىپ، مىسال ئېلىپ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، ھەمتۈرتكىلىك سوئال ـ جاۋاب، كۆرۈنۈشنى تەقلىد قىلىش، رەسىمگە قاراپ يوشۇرۇن خەۋپنى تېپىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارغا بىر قېتىملىق جانلىق بىخەتەرلىك دەرسى ئۆتتى.

شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى قارىمىقىدىكى ئورۇنلار بەس ـ بەستە تەۋەلىكتىكى يەسلى، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا ئوت مۇداپىئەسى ھەم خەتەردىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى؛ ئادەملەر زىچ توپلاشقان سورۇن، مەنزىرە رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تارقاقلاشتۇرۇش يوللىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئاممىغا، ساياھەتچىلەرگە ھاياتلىق يولىنى راۋانلاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ سۆزلەپ، «ھەممە كىشى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىشى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىش»تىن ئىبارەت ياخشى كەيپىياتنى ياراتتى.

تۈرلۈك تەشۋىقات بىخەتەرلىكنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى

«ھاياتلىق يولى دېگەن نېمە؟ يوشۇرۇن خەۋپ ئالدىدا، ئۇ بىخەتەرلىك ئارقىلىق تەرەققىياتنى قوغدايدىغان يول...» 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى گاۋ ۋا «دىكتور» بولۇپ بىخەتەرلىك توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلىدى ھەم سىن نومۇرى قاتارلىق يېڭىچە، كۆپ خىل تەشۋىقات شەكىللىرى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتتى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى «بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق لوڭقىسى» بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن ـ نىزام بىلىملىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، پۈتۈن ناھىيەدىن كەلگەن ئالتە ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 18 ماھىر مول بىخەتەرلىك بىلىمى ۋە قالتىس كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، سوئاللارغا ئاكتىپلىق بىلەن تالىشىپ جاۋاب بەردى، مۇسابىقە نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، مۇسابىقە جىددىي ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى.

ھەربىر قېتىملىق مانېۋىر ھاياتلىققا ئەھمىيەت بېرىشتۇر. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 ـ ئوتتۇرا مەكتەپتە، بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرى باشلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى يەر تەۋرەش مانېۋىرى، يەر تەۋرەش بىلىملىرى لېكسىيەسى، مۇكاپاتلىق سوئال ـ جاۋاب قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئىگىلەش، يەر تەۋرەش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى، ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بىخەتەرلىك بويىچە تارقاقلاشتۇرۇش يولىنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.