تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭدىكى ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 6400 قېتىمدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 5 ـ ئايغىچە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 3248 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئاشقان. ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 3171 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.3 ئاشقان.

6 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، قورغاس ۋوگزالىنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەيدانىدا يۈك ساندۇقلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كېشەك كىران يۈك ساندۇقلىرىنى نۆۋەتچى پويىزلارغا قاچىلاۋاتاتتى. ئۆلچەملىك رېلىسنىڭ يېنىدا، تۆمۈريول خىزمەتچىلىرى نۆۋەتچى پويىزلارغا يۈك قاچىلاش ـ پۇختىلاش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈۋاتاتتى.

چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالى «رەقەملىك پورت» سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تاموژنىنىڭ چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارغا قارىتا «بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، بىر قېتىمدىلا يولغا سېلىش»نى يولغا قويۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ، تالون تەرجىمە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تالون تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى پويىز يېتىپ كەلگەن ھامان تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىناۋەتلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، تالون چىقىرىش، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ئىلگىرى ـ كېيىنلىك تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ ۋوگزالدا توختاش ۋاقتىنى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

«ئىلگىرى بىر كۈندە پويىز يۈك توشۇش كەسپىدىن بىردىن ئىككىگىچە بېجىرەتتىم، ھازىر بىر كۈندە ئۈچتىن تۆتكىچە بېجىرەلەيدىغان بولدۇم» دېدى شىنجاڭ جۇڭليەن خەيتۇڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى يې مېڭتىڭ.

2016 ـ يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى ئومۇمىي سانى 82گە يېتىپ، 18 دۆلەت، 46 شەھەر ۋە رايونغا تەسىر كۆرسەتتى، تېخىمۇ كۆپ كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ماشىنا ـ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بۇ پورت ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلەندى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتى رەقەملەشكەن پورت قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش، ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلىرىنى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يۈرۈش، يۈك توشۇش، قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، «سانلىق مەلۇماتنى توردا يوللاش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. «ئالاتاۋ ۋوگزالىدا چېگرادىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى بەش سائەت ئىچىدە بولۇشقا قىسقارتىلدى، چېگرادىن كىرىدىغان ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش ئىش تەرتىپى تۆت سائەت تېزلىتىلدى» دېدى ئالاتاۋ ۋوگزالى يۈرۈشتۈرۈش سېخىنىڭ مۇدىرى يەن خۇاپېڭ.

2011 ـ يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز سانىدا 13 يىل ئۇدا ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتچى پويىز قاتناش سانىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 118گە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىدى، گېرمانىيە، پولشا قاتارلىق 21 دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتۇرۇلدى، قاچىلانغان مال تۈرى ئاپتوموبىل ھەم ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كىيىم ـ كېچەك، تۈرلۈك ماللار، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق 200 نەچچە خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.