تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يېرىم كېچىدە قولى ئۇيۇشۇپ ئويغىنىپ كېتىش نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ

   

    قول ئۇيۇشۇش كۆپچىلىك ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇچراپ باققان ئەھۋال.
   بەزىدە، بىر كۈن خىزمەت قىلىپ چارچىغاندىن كېيىنكى قول ئۇيۇشۇش ئادەتتە قىسمەن يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زورۇقۇپ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، دەم ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ياخشىلىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ لېكىن بەزىدە قول ئۇيۇشۇش ساغلام تۇرمۇش يولىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ.
     ئادەمنى قىينايدىغان بۇ قول ئۇيۇشۇش زادى نېمە كېسەلدىن بىشارەت بېرىدۇ؟
     بەك ئۇزۇن بولسا كۆرمەيمەن سەھىپىسى
    1. قول ئۇيۇشۇشنى مېڭە سەكتىسى، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، بوغۇم ياللۇغى ۋە بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
    2. ئەگەر دائىم مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، بەلكىم بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن: يېرىم كېچىدە قول ئۇيۇشىدۇ ياكى قول ئاغرىيدۇ، ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ قالىدۇ، بىردەمدىن كېيىن يەنە ئۇيۇشىدۇ (ئاغرىش).
   3. سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى سوراپ دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق، بەدەن تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاغرىقلاردا بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
    4. بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسىلىگە گىرىپتار بولسىلا، ئوپېراتسىيە قىلىشى ناتايىن.
   5. ئەگەر ئۆزىنىڭ بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسىلى بارلىقىدىن گۇمان قىلسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى زۆرۈر، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش ئەڭ ياخشى.

   

    قول ئۇيۇشۇش قايسى كېسەللىكلەردىن بولۇشى مۇمكىن؟
   قول ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مېڭە سەكتىسى، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ۋە بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    بىراق، ئەگەر قولىڭىز دائىم كېچىدە ئۇيۇشۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىڭىز ئۇيۇشقاندىن باشقا، سىز يەنە دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېسىلى، سېمىزلىك ياكى بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بولسىڭىز ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلى، ھەيز توختاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا قولىڭىزنىڭ ئۇيۇشۇشى بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدىن بولۇشى مۇمكىن.

 ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە
 بەلكىم بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسىلى بولۇشى مۇمكىن

   بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسىلى ئالامىتى دېگىنىمىز، ئوتتۇرا نېرۋا بېغىشتىن ئۆتكەندە، بېغىش نەيچىسى قىسىلىپ قېلىپ، نېرۋا زەخىملىنىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىپ، بارماق ئۇيۇشۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاغرىش، ھەتتا ئالىقان مۇسكۇللىرى يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ.

بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلما ئىسخېمىسى.

رەسىم مەنبەسى: UpToDate  تەرجىمان: شياۋيى


   قول ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان باشقا كېسەللىكلەردىن پەرقلىنىدىغان بېغىش كانىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تىپىك ئالاھىدىلىككە ئىگە:
    دەسلەپكى مەزگىلدە بارماق (باش بارماق، كۆرسەتكۈچ بارماق، نامسىز بارماق ۋە قىسمەن نامسىز بارماق)تا ئارىلاپ-ئارىلاپ كېچىدە بىنورماللىق ۋە توسالغۇغا ئۇچراش كۆرۈلىدۇ، ئاممىباب تىل بىلەن ئېيتقاندا، يېرىم كېچىدە قول ئۇيۇشۇش ياكى قول ئاغرىش كۆرۈلۈپ، ھېچ ئىش بولمايدۇ، بىردەمدىن كېيىن يەنە ئۇيۇشۇش (ئاغرىش) باشلىنىدۇ؛

    كېيىنكى مەزگىلدە بارماقتا ماغدۇرسىزلىنىش ۋە چوڭ بېلىقسىمان مۇسكۇل (باش بارماقنىڭ ئاستىدىكى مۇسكۇل)دا يىگىلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
     ئەگەر سىزدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بولسا، سۆڭەك بۆلۈمىگە بېرىپ، كېسەل كۆرسىتىپ باھالىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسىلىگە گىرىپتار بولسا
چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ؟

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۆۋەتتە ئىلىم-پەن ساھەسىدىمۇ تالاش-تارتىش بار، بىز ئوپېراتسىيە قىلماسلىق ۋە ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىنى رەتلەپ چىقىپ، كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇق.

    ئوپېراتسىيە قىلماسلىق:

    ①كونىچە داۋالاشتا، قولنى زىيادە ئىشلىتىش، بېغىشنى ئۇزۇن ۋاقىت ئېگىشتىن ساقلىنىش، شۇ ئارقىلىق بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب يوقىتىلىدۇ.

    ② كىچىك تېڭىق تاختىسى ياكى بېغىش ئاسرىغۇچى تىرەك بىلەن بېغىش بوغۇمىنى قوغدىغاندا، بېغىش بوغۇمىنىڭ ئوتتۇرا نېرۋىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ساقلانغىلى ھەمدە نېرۋا سۇلۇق ئىششىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

    ③ گىلۇكوكورتىكوئىد ھورمونىنى ئىچىش (يېپىق داۋالاش) ياكى قىسمەن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق نېرۋا ئەتراپىدىكى ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى تورمۇزلاپ، كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

    نۆۋەتتە، يۇقىرىقى كونىچە داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا تېخى ھۆكۈم چىقىرىلمىدى.

     ئوپېراتسىيە قىلىش:
    ئاساسلىقى بېغىش توغرا تارىمۇشىنى يېرىش، بېغىش نەيچىسىنى بوشىتىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا نېرۋىنىڭ بېسىلىشىنى تۈگىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    كونكرېت ئوپېراتسىيەنى ئەنئەنىۋى بېغىش نەيچىسىنى بوشىتىش ئوپېراتسىيەسى، كىچىك كېسىك بېغىش نەيچىسىنى بوشىتىش ئوپېراتسىيەسى ۋە ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىدە قوشۇمچە بېغىش نەيچىسىنى بوشىتىش ئوپېراتسىيەسى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئۈچ خىل ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى سېلىشتۇرغاندا، ئەمەلىيەتتە ئوپېراتسىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمىدە روشەن پەرق يوق، لېكىن ھەرقايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار.

     بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش
    گەرچە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئوتتۇرا نېرۋىنىڭ بېسىلىشىنى دەرھال تۈگەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن ئاز بىر قىسىم ئاغرىقلاردىكى بارماق ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى نېرۋىنىڭ ئۇزاق مۇددەت بېسىمغا ئۇچرىشى، ئېغىر زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.
    شۇڭا، ئەگەر ئۆزىنى بېغىش نەيچىسى يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان دەپ گۇمان قىلسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش ھەمدە دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تولۇق تەكشۈرتۈپ، ئېنىق دىئاگنوز قويۇش ھەمدە مۇناسىپ داۋالاش لايىھەسىنى قوللىنىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش، ئوپېراتسىيە پەيتىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسلىگە كېلىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«科普中国»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.